شىنخۇا تورى 17- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
ئىراق بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ 16- مارت ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى ئىراقنىڭ بىر ھەربىي ئايروپىلانى بۇ دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان كىركۇك ئۆلكىسىدە پاچاقلىنىپ كەتكەن، ئۈچ نەپەر ئايروپىلان خادىمىمۇ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئىراق بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا ئاشكارلىشىچە، چۈشۈپ كەتكەن سېسنا 208 تىپلىق ئايروپىلان شۇ كۈنى رادىكال تەشكىلات « شام ئىسلام دۆلىتى » ئىشغال قىلۋالغان خاۋىجى بازىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئايروپىلاندا تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلۈپ چۈشۈپ كەتكەن، ۋەقەدىن كېيىن ھەربىي تەرەپ قىسىم ئەۋەتىپ ئايروپىلان خادىملىرىنى ئىزدىگەن. خاۋىجى بازىرى كىركۇك ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرى كىركۇكنىڭ غەربىي-جەنۇبىغا 70 كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جاينى 2014- يىلىدىن بۇيان رادىكال تەشكىلات « شام ئىسلام دۆلىتى » ئىشغال قىلۋالغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved