مۇخبىرنىڭ 15-ئىيۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 2015-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈش خىزمىتى 14-ئىيۇن رەسمىي باشلانغان بولۇپ، بۇ خىزمەتكە جەمئىي 866 نەپەر ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنغان، نۆۋەتتە، ھەر قايسى تىل، ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ليۇ خۇا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ چاۋ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئىبراھىم قاتارلىق رەھبەرلەر 15-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈلىۋاتقان نەق مەيدانغا كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا رەھمەت ئېيتتى.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتىكى ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدىكەن.
بۇ ۋاقىتتا كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىغا چىقىپ بىرىنچى ۋاقىتتا ئىمتىھان نەتىجىسىدىن خەۋەردار بولالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved