ياڭگۇاڭ تورىنىڭ 3-ئاينىڭ31-كۈنىدىكى ئۇچۇرىدا، مالايسىيانىڭ MH370 يۇلۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانى يوقاپ كەتكىنىگە 24 كۈن بولغان. ئىزدەش خىزمىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، تۈنۈگۈن(30-چىسىلا) ئاۋىستىرالىيە دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى يېڭىدىن ئىزدەش رايون پىلانى تۈزۈپ، ئىزدەش دائىرىسىنى 11مىلىيون500مىڭ كىلومىتىر قىلدى، ھەمدە بۇ دائىرنى 6 كىچىك بۆلەككە بۆلدى، قاتناش تىرانسىپورت بۆلۈمى جۇڭگو دېڭىز ئۈستى قۇتقۇزۇش مەركىزىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇئاۋىن مۇدىر مۇخبىرغا : ‹بىز تەرەپتن يەتتە كېمە ئىزدەشكە ئاتلاندى، ‹شۆلۇڭ› نۇمۇرلۇق كېمىمۇ داۋاملىق شىمال تەرەپنى ئىزدەشكە چىقىپ كەتتى› دېدى.
جەمئىي 886 دېڭىز ئارمىيسى كېمىسىنىڭ ئىچىدىكى يەتتە كېمە ئاۋىستىرالىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى دېڭىز رايونىغا قاراپ يوقاپ كەتكەن مالايسىيا ئايروپىلانىنى ئىزدەش ئۈچۈن يولغا چىقتى. جۇڭگو دېڭىز ئوكيان قۇتقۇزۇش مەركىزى، ئاۋىستىرالىيە بەلگىلىگەن ئىزدەش دائىرسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن دائىرە ئىچىدە ئىزدەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ھەمدە بۇنىڭدىن سىرىت، ئاۋىستىرالىيەنىڭ ئىزدەش خىزمىتىگە چىققان ئايروپىلانىغىمۇ ماسلىشىپ، ھەمكارلىقنى ساقلاش تەكىتلەندى. مۆلچەرلىنىشىچە كەلگۈسى 71 سائەت ئىچىدە، بىر قېتىملىق چوڭ بوران، 4.5 مېتىرلىق دېڭىز دولقۇنى بار ئىكەن، ھازىر دېڭىز تەرەپتە يامغۇر يېغىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كۆرۈش سىزىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، كۆرۈش سېزىمى بىلەن بوران بۇ قېتىملىق ئىزدەش خىزمىتىگە خېلى كۆپ ئاۋارىچىلىق كەلتۈرىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرىت يەنە، خەۋەرنىڭ ئەڭ قىززىق نۇقتىسى شۇكى، مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن MH370 يۇلۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى سىگنال تارقىتىشتىن توختايدىكەن. گەرچە قارا قۇتىسىنى ئىزدەپ تېپىش ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، بىراق قارا قۇتىنى تېپىشتىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. قارا قۇتىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلايدىغان ئۈسكۈنىلەر بولسا ئۇنچە تېز ئىزدەش ھەرىكىتىگە كىرىشەلمەيدىكەن. چۈنكى بۇ ئۈسكىنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى ئاستا بۇلۇپلا قالماستىن، سۇ ئاستىدىكى خىزمەت سۈرئىتى ئاران ھەر سائىتىگە بەش مېتىردىن ئىكەن. قارا قۇتنىڭ نورمال ئەھۋال ئاىستىدىكى سىگنال تارقىتىش ۋاقتى 45 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.
تەھرىر: ئوسمان
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved