2016-يىلى %6.5 ئۆستۈرۈلىدۇ
ئاپتونوم رايوندىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى باشلىقلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى 15-مارت ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى شىنجاڭدا كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ مائاشى دۆلەت ئېلان قىلغان %6.5 ئەتراپىدىكى نىسبەت بويىچە تەڭشىلىدىغان بولۇپ، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ مائاشى 140 يۈەن ئەتراپىدا ئۆستۈرۈلىدىكەن، بۇ قېتىملىق مائاش تەڭشەش شىنجاڭدىكى 1 مىليون 200 مىڭغا يېقىن كارخانا ۋە ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرىدىن پېنسىيەگە چىققانلار مەنپەئەتلىنىدىكەن.
بۇ قېتىملىق تەڭشەش 2005-يىلىدىن بۇيانقى 12-قېتىملىق ئۇدا تەڭشەش بولۇپ، تەڭشەش ئوبيېكتى 2015-يىلى 31-دېكابىردىن بۇرۇن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى تەرىپىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەنلەر بولۇپ، تەڭشەش ۋاقتى 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved