جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كادىرلار ۋە ئامما شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەنمەكتە

جەنۇبىي شىنجاڭدا 5-ئاينىڭ بېشىدا كۈزگى بۇغدايلار باش تارتىپ، مېۋىلىك باغلار بۈك-باراقسان يېشىللىققا پۈركىنىدۇ، كېۋەز مايسىلىرى ئۆسۈشكە باشلايدۇ، بۇ-بىر ئۈمىدكە تولغان پەسىل. تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى بىر پارچە بوستانلىقنى كېسىپ ئۆتكەندە، بۇ زېمىندىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئىلھامى ۋە ھاياجىنىنى چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇ.


مۇخبىر خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى كۆكتېرەك يېزىسى توغراق كەنتىگە بارغاندا، كەنت ئاھالىسى نۇرمۇھەممەت بۇغدايلىرىنى 2-قېتىم سۇغىرىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجىنىڭ قەشقەرگە كەلگەنلىكى، يەرلىكتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرگىنىنى ئۇقتۇم، ئۇ بىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى دېھقانلارنى تېزرەك بېيىتىش كېرەك دېدى، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن.


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خوتەن ۋىلايىتى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى مۇھىم جاي، ئىجتىمائىي مۇھىتى ئوخشاپ كېتىدۇ. قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدىغان گۇما ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناچار. لېكىن بىر نەچچە نۆۋەتلىك ناھىيەلىك پارتكوم كوللېكتىپى باش چۆكۈرۈپ ھەقىقىي ئىشلەپ، پۈتۈن ناھىيەدە بازارنى يۆنىلىش قىلىپ، ياڭاق، چىلان، ئانارنى ئاساس، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، بورداقچىلىق، گۈلچاينى ئالاھىدىلىك قىلغان دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق كەسىپ ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، كوئىنلۇن تاغلىق رايونىدىكى دېھقانلارنى بېيىتىشنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.


قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسى-باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا كۆزدىن كەچۈرگەن ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ ناھىيەنىڭ لەڭگەر بازىرىدا شۇ جايدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئىگىلىك تىكلەپ تەرەققىي قىلغان ھېكايىلىرى تارقالدى. دەسلەپتە بىر نەچچە ئادەملا بار ئائىلىۋى كىچىك كارخانا بالىلار كىيىمى تىكىشتىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، مەخسۇس ئاياللارنىڭ ئۇخلاش كىيىمى، ئەتلەس يوپكا، ئەدىيال، يوتقان-كۆرپە ئىشلەيدىغان چوڭ كارخانىغا ئايلاندى ھەم بۇ كەنت ۋە قوشنا كەنتلەردىكى 200 نەچچە ئايالنى تەدرىجىي جەلپ قىلدى، ھازىر بۇ كارخانىنىڭ مەھسۇلاتى تەلەپنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ.


كوناشەھەر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ شۆبىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا، قەشقەرگە بەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە شاھىت بولدۇم ۋە ھېس قىلدىم. مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، ھەر مىللەت ئاممىسى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.


باش شۇجى شى جىنىپڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى خىزمەت-مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنىي ئىناقلىق دەپ كۆرسەتتى. جۇ شۆبىڭ بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرات ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۇ مەركەزنى چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن خىزمەتلەرگە چوڭقۇر كىرىشىپ، ئاممىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىشىمىز كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بېيىشقا يېتەكلەش بېسىمى چوڭ، خىزمەت جاپالىق، لېكىن بىز بۇ يەردە يىلتىز تارتتۇق، بۇ زېمىن ۋە خەلق مېنى يېتىشتۈردى، بۇ يەرنىڭ نامرات، قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، پارتىيە ۋە پۇقرالارغا خىزمەت قىلىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم.



خەتكۈچلەر:
11-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek