سۈرمىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق ھەم قۇرۇق بولۇپ، كۆزنى ئاسراش، كۆزنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، كۆز پەيلىرىنى كۈچلەندۈرۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، ھۆللۈكنى يوقىتىش، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىش، قان توختىتىش، كۆزدىكى ئارتۇقچە ئۆسمە گۆشلەرنى يوقىتىش، جاراھەت ئېغىزىنى ساقايتىش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە.
سۈرمىنى ئىپار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆز جىيىكىگە سۈرسە، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ، كۆز پەيلىرىنى چىڭىتىدۇ. مەرۋايىت، كىلە يوپۇرمىقى، ئاق ناۋات بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆز جىيىكىگە سۈرسە، كۆزگە چۈشكەن پەردە ۋە ئاقنى يوقىتىدۇ.
سۈرمىنى كۆز جىيىكىگە سۈرسە، كۆزنىڭ قىچىشىشىنى ۋە كۆزدىن ياش ئېقىشىنى توختىتىدۇ. شۇنداقلا باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. ئاچچىق ئانار يوپۇرمىقىنىڭ سۈيى بىلەن قوشۇپ كۆز جىيىكىگە سۈرتسىمۇ يۇقىرىقىدەك ئۈنۈمى بولىدۇ.
سۈرمىنى يېڭى چاۋىياغ ۋە ئۇپا بىلەن قوشۇپ ئوتتا، قايناقسۇدا كۆيگەن جايغا چاپسا، ھارارەتنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدۇ، يىرىڭلاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئەرلەرگە سۈرمە تارتىش سۇننەتتۇر
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved