رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋىدىۋ 4-ئاپرېل رۇسىيەنىڭ شەرقىدىكى خاباروۋىسكىدا يىراق شەرق رايونى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا، ھۆكۈمەت بىر يۈرۈش مۇھىم ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، ھالقىما تەرەققىيات رايونى تەسىس قىلىپ، دېڭىز بويى رايونلىرىدا ئەركىن پورت قۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يىراق شەرققە ياخشى ئىقتىساد مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ دەپ تەكىتلىدى. رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە، جۇڭگوغا تايىنىپ، يىراق شەرقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش-رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى دەپ ئومۇميۈزلۈك ھېسابلىدى.
ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقانداق تەرەققىي قىلىشى-رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە شەرق دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىساد چەمبىرىگە كىرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇتتى. پۇتىن 2012-يىلى ئۆزىنىڭ 3-زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش مەزگىلى باشلانغاندا، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە قاتنىشىش مۇساپىسىنى كېڭەيتىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ سىبىرىيە ۋە يىراق شەرق رايونى ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. پۇتىن 2013-يىلى 12-ئايدا، دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا، سىبىرىيە ۋە يىراق شەرق رايونىنى گۈللەندۈرۈش-رۇسىيەنىڭ پۈتكۈل 21-ئەسىردىكى ئالدىنقى ۋەزىپىسى، مەن رۇسىيەنىڭ تىنچ ئوكيانغا بۇرۇلىدىغانلىقى ھەم شەرقىي رايوننىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ رۇسىيەگە يېڭى ئىقتىساد پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن دېدى. بۇلتۇر 8-ئايدىن بۇيان، غەربتىن كەلگەن دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي جازا ئالدىدا، رۇسىيە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىساد قۇرۇلمىسىدىكى نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، شەرققە قاراش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يىراق شەرق رايونىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قازدى.
ئالدى بىلەن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى سىياسەتتە ئېتىبار بېرىش كۈچىنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتتى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا، پۇتىن «رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ھالقىما تەرەققىيات رايونى فېدېراتسىيە قانۇنى»نى ئىمزالاپ، يىراق شەرق رايونىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا بەھرىمەن بولىدىغان باج، مەمۇرىي تەستىقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ساھەلەردىكى بىر قانچە ئېتىبار شەرتلىرىنى بەلگىلىدى. پۇتىن يەنە ھۆكۈمەتتىن يىراق شەرق رايونىدىكى كارخانىلاردىن باجنى ئىككى يىل كەچۈرۈم قىلىپ، بۇ ئارقىلىق، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى. يېقىندا، «يىراق شەرق رايونىغا بارغان ھەر بىر رۇسىيە پۇقراسىغا بىر گېكتاردىن يەر ھەقسىز تەقسىم قىلىنىدۇ» دېگەن خەۋەر كۈچلۈك جامائەت پىكرىنى قوزغىدى. پۇتىن يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يىراق شەرقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى يىغىنىدا، ئالاقىدار يەر تەقسىمات لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
رۇسىيە مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە تەتقىقاتخانىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى ساۋىنىسكى ھەقسىز يەر تەقسىملەش ئارقىلىق، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ يىراق شەرق رايونىغا بېرىشىغا ئىلھام بېرىپ، يىراق شەرقنىڭ تەرەققىياتىغا ئادەم كۈچى بايلىقىنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ دېدى. نۆۋەتتە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ ھالقىما تەرەققىيات رايونى تۈرىنى بېكىتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، دېڭىز بويى چېگرىسىغا جايلاشقان ئۈمىد مەنىسىدىكى ناجىركىنىسكايا تەرەققىيات رايونىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ كىرگۈزۈش كۆلىمى ئالتە مىليارد 730 مىليون رۇبلىغا يېتىدۇ. بۇ تەرەققىيات رايونىنىڭ 2-، 3-قارارلىق قۇرۇلۇشىغا 2021-يىلىغىچە 30 مىليارد رۇبلى شەخسىي مەبلەغ جەلپ قىلىنىپ، يەتتە مىڭ ئىشنى ئورنى يارىتىلىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ خامچوتىغا 33 مىليارد 600 مىليون رۇبلىدىن ئارتۇق باج كىرىمى ئېلىپ كېلىدۇ. رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق تەرەققىيات مىنىستىرى گالۇچكا مىنىستىرلىقىمىز يىراق شەرق رايونىدىكى ھازىرقى 340 مەبلەغ سېلىش تۈرىدىن ئەڭ ئىستىقبالى بار 18 تۈرنى تاللاپ، ھالقىما تەرەققىيات رايونى بىلەن يىراق شەرق فېدېراتسىيە رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئون يىل ئىچىدە بىر قاتلايدۇ دېدى.
ئىككىنچىدىن، رۇسىيە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يىراق شەرق رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. رۇسىيە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ھەمكارلىق شېرىكى جۇڭگو بولىدۇ. رۇسىيە-جۇڭگو ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ سەۋىيەسى رۇسىيە بىلەن شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن بەكلا ھالقىپ كەتتى. جۇڭگو بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قاتناش-تىرانسپورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ھەمكارلىقى تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلىدى. ئىككى تەرەپلىك كارخانىچىلار كېڭىشىنىڭ رۇسىيە تەرەپ رەئىسى تىمۇچىنكو ئۇل ئەسلىھە تۈر ھەمكارلىقى-ئىككى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيە ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئاساس سېلىپ بەردى، موسكۋادىن بېيجىڭىچە بولغان ياۋرو-ئاسىيا ھالقىغان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول ياساش-ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىنقى نىشانى، بۇنىڭ ئىچىدە، موسكۋا-قازان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈرى تېخىمۇ مۇھىم. موسكۋا-قازان تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول تۈرى-يىراق شەرق رايونىغا بىر يېڭى يۈك توشۇش تۈگۈنى ھازىرلاپ بېرىدۇ دېدى.
رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتا، يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى كېڭىشى، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سەھنىلەرگە پائال تايىنىپ، يىراق شەرقتىن ئىبارەت رۇسىيەنىڭ يېڭى ماركىسىنى كۈچەپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىراق شەرق رايونىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە تېزدىن كىرگۈزۈشكە تايىنىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى بۆسۈش ئېغىزى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي، برازىلىيەنىڭ برازىلىيە شەھىرى، كېڭەش پالاتاسى ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ روسسېف سۆز قىلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-...
|
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved