جاھان ئاگېنتلىقى 25-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىراك ئوباما سۇرىيە پرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشمىگۈچە دۆلەتتە تىنچلىقنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئوباما ئاقسارايدا قاتار ئەمىرى شەيىخ تەمىم ئىبنى ھاماد ئەل-سانى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا؛ قاتارنىڭ ئىراق- شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئىتتىپاقتا كۈچلۈك بىر ھەمكارلاشقۇچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ئوباما،«ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى مەغلۇب قىلىشقا ھەر ئىككى تەرەپ تەييار، ھەر ئىككى تەرەپ ئىراقتا سۈننىي، شىئە، كۈرت قاتارلىق بارلىق خەلقلەرنىڭ بىرلىكتە تىنچلىق ئىچىدە ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىنى يارىتىشقا كۈچ چىقىرىۋاتىمىز» دېدى. ئوباما سۇرىيەدىكى ۋەزىيەتكە قارىتا چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سۇرىيەدە مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرنى داۋاملىق قوللايمىز ۋە دۆلەتتە نۇپۇزىنى يۇقىتىپ قويغان ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشمەستىن تىنچلىقنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئېرىشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بۇ نوقتىغا قانداق يىتىش بېرىش ئادەتتىن تاشقىرى بىر قىيىن مەسىلە ۋە ئەل-سانى بىلەن بۇنىڭ قانداق مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردۇق» دەپ سۆز قىلدى.
ئەلجەزىرە مۇخبىرى ئابدۇررەھىم فۇكۇرا، ئوبامانىڭ قاتارغا ئوخشاش بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن سۇرىيەدە ئەسەدنى ھاكىمىيەتتىن چۈشۈرىدىغان بىر سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوباما ئۇچرىشىشتا لىۋىيە ۋە يەمەندىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆز قىلىپ، رايۇندىكى مەسىلىلەرگە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەش تىرىشچانلىقىدا رايۇندىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق ئورنىتىلسا، مەزھەب تۇقۇنۇشى بارغانسىرى ئازايتقىلى بولىدىغانلىقى، ئاشقۇن كۈچلەرنى يالغۇز قالدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە ئورتاق ئىشەنچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
قاتار ئەمىرى ئەل-سانى ، ئوباما بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا سۇريە ۋە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇزاكىرىسى مەسىلىلىرى قاتارلىق بىر قانچە تىمىلار ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئوباما ئۇچرىشىشتا ئىران بىلەن داۋام قىلىۋاتقان يادرو مۇزاكىرىسى ھەققىدە توختالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئەل-سانىنى بۇ باسقۇچتا قولغا كەلتۈرگەن يېقىنقى ئەھۋال ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئوباما ئەل-سانىيغا« ئىراننىڭ رايۇندىكى مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغان تەسىرگە ئىگە بىر قىسىم ھەرىكەتلىرى ھەققىدە» تېھرانغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئوباما بۇ تېمىلارنىڭ بىر قانچىسىنى دىپلوماتىيە يوللىرى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تاللىغانلىقىنى، دەۋھەنىڭمۇ ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
تېرور ۋە ئۇنىڭغا ئورۇن ھازىرلىغانلارغا قارشى كۈرەش
قاتار ئەمىرى ئەل-سانى،«رايۇنىمىزدا بولىۋاتقانلاردىن ھەممىمىز قايغۇرىمىز، رايۇنىمىزدىكى تېرورچى گۇرۇپپىلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دەپ ، تېرور ۋە تېرورغا ئورۇن ھازىرلىغان ئۇنسۇرلار بىلەن كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەل-سانى، پەلەستىندىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە مۇھىم بىر تېما ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلىگە بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئەل-سانى، ئوباماغا «پەلەستىندە تىنچلىق مۇساپىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved