بەش بۇرجەكلىك بىنا باياناتچىسى جون كېربىي
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگىتون ، 22-سېنتەبىر تېلېگراممىسى : شۇ يەر ۋاقتى 22-سېنتەبىر كەچ ، ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىك دۆلەتلىرىنىڭ سۇرىيەدىكى رادىكال تەشكىلات ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› گە قارىتا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .
بەش بۇرجەكلىك بىنا باياناتچىسى جون كېربىينىڭ باياناتىدا ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىك دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى ، بومباردىمانچى ئايروپىلان ۋە ‹‹ ئاي پالتا ›› ناملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن : شۇ كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ھوقۇق بېرىشى ۋە تەستىقلىشى بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە چېگرىسىدىكى ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› گە تۇنجى قېتىم زەربە بېرىشى ئىكەن .
ئوباما 10-سېنتەبىر سۆز قىلىپ ، ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› گە سىستېمىلىق ھاۋا ھۇجۇمى قوزغايمىز ، ھەمدە كەڭ كۆلەملىك خەلقئارا ئىتتىپاق تەشكىللەپ ، بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتنى تۈپتىن يوقىتىمىز ، دېگەن .
11-سېنتەبىر سۇرىيە مىللىي يارىشىش ئىشلىرى مىنىستىرى ئەلى ھەيدەر : ئەگەر ئامېرىكا سۇرىيەدىكى ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› گە ھۇجۇم قىلسا ، چوقۇم سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشىشى كېرەك ، ئۇنداق بولمىغاندا ‹‹ تاجاۋۇز قىلدى ›› دەپ قارىلىدۇ ، دېگەن .
6-ئايدىن بۇيان ، ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار ئىراقنىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى كەڭ زېمىننى ئىگىلىۋالغان . ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 8-ئاۋغۇستتىن بۇيان ئىراق چېگرىسىدىكى ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› گە قارىتا نۇرغۇن قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved