بىر توپ قوراللىقلار دەمەشىقتىكى بىر ئورۇنغا ھۇجۇم قىلدى، بۇ يەرگە فىسان ئەل ئەرەبىنىڭ نەۋرە ئىنىسى دەپنە قىلىنغان، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ نىشانى ئەرەبى بولۇپ، ئۇلار ئەرەبىنىڭ ھايات ماماتىغا قارىماي تۇپراقنى بېشىغا كىلىپ، ئۇنى يوقلايدىغانلىقىنى بىلدىكەن. نۇسىرا فىرونتى ئەرەبىنىڭ ئۆلۈمىگە مەسئۇل بولدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئەرەبى بىلەن ئۇنىڭ ئاغا-ئىنىلىرى دەمەشىق كونا شەھىرىدىن ئايرىلىپ باقمىغان. «بازا» تەشكىلاتى تارمىقى 2012-يىلى يازدا ئەرەبىنىڭ ئىنىسى ئىخابنى ئۆلتۈرۋەتكەندىن كېيىن يەنە ئەرەبى ۋە ئۇنىڭ ئاغا-ئىنىلىرىنى ئۆلتۈردىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەرەبىنىڭ 40 ياشلىق ئاكىسى: بىز ئەزەلدىن باشقىلارغا چېقىلمىدۇق، سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەسىر ئەسەد بىز ئاكا-ئۇكىلارنىڭ بالىلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىز پەقەت ۋەتىمىزنى قوغداشنىلا ئويلايمىز، دېدى.
ئەرەبى جەمەتى قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولسىمۇ ، ئۇلار سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ۋەزىيتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئىچكى ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى، سۈننىيلەر سۈرىيە نوپوسىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، سۈرىيە ئىقتىسادىمۇ مۇھىم رول ئوينايتتى.
ئۇرۇشتىن كېيىن خەۋىپتە قالغان سۈننىيلەر ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنى قوللاشتىن باشقا ئامال تاپالمىدى. سۈننىيلەردىن بولغان بىر ئەسكەر: مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھازىر بەسىر ھاكىمىيتىدە بىزنىڭ كەلگۈسىمىز قاراڭغۇ، ناۋادا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى كېلىپ قالسا، ئۇ چاغدا تېخىمۇ تەس كۈنگە قالىمىز، دېدى.
بەسىرنىڭ چوڭ ئوغلى جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن قاراڭغۇ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، توكنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ئائىلىدىكى 23 كىشى بىر كىچىك ئۆيدە تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى تۇرالغۇسى جەڭگاھقا ئايلانغان دەمەشىقتا ئىدى. ئۇلار ھازىر داچىسىنى سېغىندىكەن.
ئۇلار ھازىر تۇرىۋاتقان ئۆيدە «AK-47» تىپلىق ئاپتۇماتتىن يەتتىسى ئېسىقلىق تۇراتتى. تامدا ئىخاپ بىلەن سابىق زۇڭتۇڭ ھاپىز ئەسەدنىڭ سۈرىتى بارئىدى. ئۈستەلدە يەنە رادىئو چىلىم قاتارلىق نەرسىلەر بارئىدى.
بەسىر مۇخبىرغا: ئۇرۇشتا خېلى كۆپ كىشىلەر يارىلاندى. مەنمۇ ئامان قالمىدىم، كۆكىرىكىمدىكى تارتۇق دەل ئالدىنقى قېتىم داچىمىز ھۇجۇمغا ئۇچرىغانداقالغان يالدامە، دېدى. شۇ چاغدا ئەرەبىنىڭ بەسىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ تاغىسىنىڭ پۇتىغا ياماشتى. بەسىر ئۇنىڭ چېچىنى تۈزەشتۈرگەچ:
-ئوغلۇم ئاتاڭ قېنى ؟، دېدى-دەپ سورىدى.
-ئۇنى باشقىلار ئۆلتۈرۋەتتى،-دېدى ئوغۇل جاۋابەن.
ئۇنى كىم ئۆلتۈرۋەتتى؟- دەپ سورىدى بەسىر ئارقىدىنلا.
-ئەركىن ئارمىيەدىكىلەر، ئاتام ھازىر جەننەتتە، دېدى جىيەنى.
ئەرەبى ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى بىلەن بىريەرگە دەپنە قىلىنغانىدى.ئەرەبىنىڭ ئىنىلىرى بەزىدە يوشۇرۇنچە ئۇنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ تۇردىكەن.ئۇلارنىڭ ھاياتلىق بوشلۇقى بارغانسىرى تارىيىپ كەتكەن بولۇپ، خەۋىپ ئىچىدە قالغانىكەن. بەسىر ئەسەد: بىز ھەركۈنى ئۆيدىن چىققاندا، ئۆيگە ھايات قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىمىزغا بىرنىمە دىيەلمەيمىز دېدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved