خەلقئارا لىنىيە تورىنىڭ 17-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
ئۇكرائىنانىڭ ئالىي پارلامېنت ئەزالىرى 15-مارت پارلامېنتقا رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش قارار لايىھەسىنى سۇندى.
لايىھەنى يازغۇچىلار رادىكال پارتىيەدىن كېرچىنىسكايا، پوروشېنكو لاگىرىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى يۇرى ھەمدە پارتىيە-گۇرۇھىسىز ۋىلادىمىر باراشوك قاتارلىقلار.
باراشوك بۇ يىل 3-ئاينىڭ 9-كۈنى رۇسىيەنىڭ لېۋ شەھىىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى يىرتقان ئىدى. ئىگىلىنىشچە، قارارنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئېلان قىلىنمىغان.
رادىكال پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى 2015-يىلى تەشەببۇسنامە ئېلان قىلىپ، رۇسىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشكە مۇراجىئەت قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇكرائىنانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەينى چاغدا بۇ تەشەببۇسقا قارشى تۇرغان. رۇسىيە 2014-يىلى قىرىمنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن، رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ كەتتى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved