3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 5:35تە، 2015-2016-پەسىللىك CBA بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى ئايلانمىسى ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە سىچۈەن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى ئىككى ئايلانمىدا، ھەر ئىككى كوماندا بىر مەيداندان غەلىبە قىلىپ تەڭلىشىپ قالغاچقا، بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەر ئىككى كوماندا ئۈچۈن ناھايىتى موھىم ئىدى. ئىككى كوماندا كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، سىچۈەن كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 109-104 نومۇر بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنى مەغلۇب قىلدى، شۇنداقلا ئومۇمىي نەتىجە 2-1 بولۇپ لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. سىچۈەن كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ماھىرلاردىن خادادى 28 نومۇر، دېنتمون 40 نومۇر، خاررىس 12 نومۇر، جاڭ چۈنجۈن 11 نومۇر، مېڭ دا 10 نومۇر ئالدى. لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ماھىرلىرىدىن خادسىن 31 نومۇر، راندولف 24 نومۇر، خەن دېجۈن 13 نومۇر، گو ئەيلۈن 11 نومۇر ئالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved