تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. بوتېروسپېرموم مېۋىسى داڭلىق ئىسسىق بەلباغ مېۋىسى بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمىمۇ ئۆزگىچە. يېقىندا، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار بوتېروسپېرموم مېۋىسىنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا قاندىكى خولىستېرىن مىقدارىنى ئازلاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلەر بىرلەشمىسى ئۇزۇقشۇناسلىق جەمئىيىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، بوتېروسپېرموم مېۋىسىنى كۆپ يېگەندە قان تەركىبىدىكى تۆۋەن زىچلىقتىكى خولىستېرىننىڭ مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار ساغلام لېكىن بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن 45 قورامىغا يەتكەن كىشىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بىر گۇرۇپپىغا ئادەتتىكى يېمەكلىكلەرنى بەرگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىغا ياغ تەركىپى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى بەرگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىغىمۇ ئادەتتىكى يېمەكلىكلەرنى ھەمدە كۈندە بىر تال بوتېروسپېرموم مېۋىسىنى قوشۇپ بەرگەن.
بەش ھەپتىدىن كېيىن تەتقىقاتچىلار ھەركۈنى بىر بوتېروسپېرموم مېۋىسىنى يېگەن گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ قان تەركىبىدىكى خولىستىرىننىڭ ٪10 تۆۋەنلىكىنى بايقىغان.
بوتېروسپېرموم مېۋىسى پېرسىيە مېۋىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمى ئۆزگىچە، مەيلى كىچىك بالا، ياشانغانلار ياكى ھامىلدارلار بوتېروسپېرموم مېۋىسىنى كۆپ ئىستىمال قىلسا سالامەتلىكىگە پايدىسى بولىدۇ.
بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، بوتېروسپېرموم مېۋىسى ئامېرىكىدا "غەيرى ئېقىم "دىكى يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ، ئىسىتىمال قىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس ئىكەن. چۈنكى بىرىنچىدىن باھاسى قىممەت، ئىككىنچىدىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مېۋىنى بىلمەيدىكەن. ئەمەلىيەتتە بىۋاستە ئىستىمال قىلغاندىن سىرت ئۇنى يەنە سالات، ھامبۇرۇگ بولكىسى ۋە بېلىق ، توخۇ گۆشىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسىمۇ بولىدىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved