ئۆزىنى رەسىمگە تارتىش ھازىر تولىمۇ ئومۇملاشقان بىر ئىش. كىشىلەر بىرەر جايغا بارغاندا، ھېچكمنى ئاۋارە قىلماستىن ئۆزىنى ئۆزى رەسىمگە تارتىۋېرىدۇ. لېكىن مۇشۇ سەۋەب بىلەن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بارلىقىنىمۇ ئاڭلاپ باققانمۇ؟
6.ھىندىستاندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەقبەرە تاج مەھەل مەقبەرىسى بار. تېخى يېقىندا نۇرغۇن تاراتقۇلار ياپونىيەلىك بىر ساياھەتچىنىڭ تاج ماھال مەقبەرىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشقان ئىدى. بۇ ساياھەتچى ئۆزىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بۇ قۇرۇلۇش ئالدىدا خاتىرە قالدۇرماقچى بولغاندا، تۇيۇقسىز تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، پەلەمپەيدىن يىقىلىپ چۈشكەن. ساقچىلارنىڭ مەلۇماتىدا، بۇ ئەر ئاۋۋال تېزلا سېزىمىنى يوقاتقان، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن جان ئۈزگەن، دېيىلگەن.
5. 19ياشلىق بۇ يىگىت قالتىس بىر پارچە رەسىمگە چۈشمەكچى بولۇپ، ئالتە ئاتار تاپانچىنى يانتۇ ھالەتتە بېشىغا تىرەپ تۇرۇپ، ئۆزىنى رەسىمگە تارتقان. لېكىن رەسىمگە چۈشۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، تاپانچىدىن ئوق چىقىپ كېتىپ، بوينىدىن تېشىپ ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇ بىر پارچە رەسىم سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.
4.چېن ئەپەندى جېجياڭدىكى ئىنتايىن گۈزەل بىر شارقىراتمىدا رەسىمگە چۈشمەكچى بولغان. لېكىن ئۇنىڭ جەسىتى، ئەقلىيفونى ۋە ئۆز تارتىم دەستىسى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندىن تېپىلغان.
ئاخىرىدا ساقچىلار ئۇنى ئۆزىنى رەسىمگە تارتىش جەريانىدا ئېھتىيات قىلماي، يانباغىردىن تېيىلىپ كېتىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغان دەپ ھۆكۈم قىلغان.
3.بۇقا بىلەن ئېلىشىشمۇ، بۇقا كوچىدىن ئۆتۈپ، رىقابەت مەيدانىغا كېلىدىغان پەيتمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك. كوچىنىڭ بوش جايلىرىدا تار رېشاتكا بىلەن قاشالانغان قوغدىنىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنغان. بۇنداق بولغاندا كىشىلەر خالىغان چاغدا بۇقىنىڭ چىشىغا تېگەلەيدۇ، ئاندىن تېزلا رىشاتكا ئىچىگە قېچىپ كىرىپ، ئۆزىنى قۇتقۇزسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە بەزى چاغلاردا ئىش ئوڭغا تارتماي، ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. 32 ياشلاردىكى بىر ئەر ئۆزى بىلەن بۇقىنى رەسىمگە تارتىمەن دەپ تەلۋىلىك قىلىپ، بۇقىنىڭ مۈڭگۈزى ئاستىدا جان بەرگەن.
2.مېراپى دۆلەتلىك يانار تاغ باغچىسى ھىندونېزىيەدىكى ئىنتايىن چوڭ باغچە، ئىچىدە كىشىگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان يانار تاغ بار. 31 ياشلىق بىر ساياھەتچى يانار تاغ چوققىسىدا بۇ تەبىئەت ھادىسىسى بىلەن ھەيۋەتلىك بىر رەسىمگە چۈشىۋالماقچى بولغاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن يانار تاغ ئېغىزىغا چۈشۈپ كەتكەن. بۇ ئېچىنىشلىق ئىشتىن كېيىن، دۆلەتلىك باغچە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئالاھىتەن بىر ئۆز تارتىم سەھنىسى راسلاپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان.
1.رۇسىيەدىكى بىر قانچە ياش ئۆز تارتىم جەريانىدا پارتلاپ كەتكەن. بەلكىم ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى تازا توغرا بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار قول بومبىسى پارتلىتىپ، شۇچاغدا رەسىمگە چۈشمەكچى بولغان. بۇنىڭدىن رۇسىيەنىڭ راستىنلا جەڭچى مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولامدۇ قانداق؟
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved