ئامېرىكا پوپ ناخشا ساھەسىدىن شۇم خەۋەر تارقالدى، يېقىندا دوختۇر مايكول جېكسوننىڭ سىڭلىسى خانىش جەنىت جېكسوننىڭ ئاۋاز پەردىسىدە ئۆسمە بار بولىشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلغان، ناۋادا راك دەپ دىئاگنوز قويۇلسا جەنىت جېكسون قايتا ناخشا ئېيتالمايدىكەن.
ھازىر 49 ياشقا كىرگەن جەنىت جېكسون بۇندىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ دۇنيانى ئايلىنىپ سەييار ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە تەييارلانغان، ئەمما 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇ ئاۋاز پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش سەۋەبىدىن سەيياردە ئويۇن قويۇش پىلانىنى كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوختۇر جەنىت جېكسوننىڭ ئاۋاز پەردىسىدە ئۆسمە بارلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان. ناۋادا كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا جەنىت رادىئاتسىيەلىك داۋالاش ياكى خىمىيەلىك داۋالاش قوبۇل قىلىدىكەن، قايتا ناخشا ئېيىتسا بولمايلا قالماستىن، بەلكى ھاياتىغىمۇ خەۋپ باركەن.
جەنىت جېكسون 1966-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان، ئۇ ئەمدىلا ئۆمىلەشنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتا، بەش ئاكا-ئىنى (مايكول جېكسوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) «جېكسون بەش كىشلىك گۇرۇپپىسى» تەشكىللەپ تېزلىكتە نام چىقارغان. 1976-يىلى يەتتە ياشلىق جەنىت CBS تۇنجى قېتىم CBS تېلېۋىزىيەسىدە «جېكسون ئائىلىسى» پروگراممىسىغا چىقىپ كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان، ئىلگىرى بەش قېتىم گرەممى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved