مۇخبىرنىڭ 20-ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2015-يىللىق ‹‹قىسقا، مۇقىم، تېز›› تۈرلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى، خوتەن گىلىمى، ئالاھىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى قاتارلىق كەسىپلەر نۇقتىلىق قوللاش ئوبيېكتى قىلىنىدىكەن.
شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، دېھقانچىلىق قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، كەشتە بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، يېڭى شەكىلدىكى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، بىئو تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ دورا ياساش، سۇلياۋ بۇيۇملار، قاشتېشى ئويمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەر نۇقتىلىق قوللاش ئوبيېكتى قىلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئىيۇنغىچە 795 تۈرنىڭ ئىچىدە 146 سى تاماملانغان بولۇپ، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 24 مىڭغا يەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved