ئەينەك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانچېستىر بىرلەشمىسى بارسېلونانىڭ گېرمانىيەلىك قاپقىچىسى تېرستېگېننى دېھىيانىڭ ئىز باسارى قىلماقچى ئىكەن. دېھىيا ئۆتكەن يىلى يازدا خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇشقا ئازلا قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يۆتكىلىش ئىشى ئەمەلگە ئاشمىغان. يۆتكىلىش ئىشى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، دېھىيا مانچېستىر بىرلەشمىسى بىلەن توختام ئۇزارتقان، بىراق پارىژ سانت گېرمان بۇ يىل يازدا دېھىيانى قوشۇۋالماقچى بولغان.
مانچېستىر بىرلەشمىسى دېھىيانىڭ داۋاملىق كوماندىدا قىلىشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۇنىڭ مانچېستىردىن كېتىپ قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئىز باسارىنى ئىزدەشكە باشلىغان. بارسېلونا قاپقىچىسى تېرستېگېن كۆپرەك مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەچكە، بارسېلونادىن ئايرىلىش قارارىغا كەلگەن. شۇڭا مانچېستىر بىرلەشمىسى گېرمانىيەلىك بۇ قاپقىچىنى نىشانىغان. مانچېستىر بىرلەشمىسىدىن باشقا دورتموند ۋە لىۋېرپولمۇ بۇ قاپقىچىنى قوشۇۋالماقچى. بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن بۇ قاپقىچى 2014-يىلى يازدا بارسېلوناغا قوشۇلغان، ئەينى ۋاقىتتىكى يۆتكىلىش سوممىسى 12 مىليون ياۋرو بولغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved