مىكروسوفت Windows يانفونى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالدى

تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىنىڭ 16-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:

مىكروسوفتنىڭ Windowsيانفون مەشغۇلات سىستېمىسى (Windows Phone 8 ھەمدە يېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن Windows 10كۆچمە نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىزچىل ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ كەلدى، ئەگەر ئىلگىرى دۇچ كەلگەن گۇمان «ئازراق ئورۇنغا ئىگە بولامدۇ يوق؟» بولسا، ئۇنداقتا بۈگۈن دۇچ كەلگەن گۇمان «ئۆلگەنلىكىنى قاچان رەسىمىي جاكارلايدۇ؟» دېگەنگە ئۆزگەردى.

كەينى-كەينىدىن شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىۋاتقان سېتىش مىقدارى ھەمدە مەشغۇلات سىستېمىسىنى كۆتۈرگەندە «قۇلۇلىدەك سۈرئەت»كە قارىتا، كۆپ ساندىكى مېدىيەلەر كېسپلا Windowsيانفونى ئاساسەن ئۆلۈمگە قاراپ ماڭدى، دېدى. بىراق، يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر پەن-تېخنىكا مېدىيەسى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەگەر بەش زور ئۆزگىرىش تەدبىرى قوللانسا، مىكروسوفت Windowsيانفونىدا يەنە ئازراق ھاياتلىق پۇرسىتى بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى، بۇ تەدبىرلەر كىشىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمىگەن «كاتەكلىك» كۆرۈنمە يۈزنى بىكار قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نادېللا مىكروسوفتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولغاندىن كېيىن، «كۆچمە ئەسلىھە بىرىنچى، بۇلۇت بىرىنچى» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى، ئەمما مىكروسوفتنىڭ كۆچمە ئېكولوگىيە ئىستراتېگىيەسى قاتتىق مەغلۇپ بولدى. گەرچە 7 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا نوكىيانىڭ يانفون كەسپىنى سېتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنگە قەدەر مىكروسوفتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەقلىي يانفون ساھەسىدىكى بازار ئۈلۈشى %1كە چۈشۈپ قالدى (ئامېرىكا بازىرىدىكى ئۈلۈشى %2كە بارمايدۇ). نۇرغۇن مېدىيەلەر Windowsيانفونىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

پەن-تېخنىكا مېدىيەسى The Vergeنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Windowsيانفونىدا مەھسۇلات كەمچىل، سېتىش ئاز، بازار ئۈلۈشى بەك بىچارە ھالەتتە بولۇپ، ھازىرWindowsيانفونىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلايدىغان ۋاقتى ئىكەن. مىكروسوفت كەلگۈسىدە يەنە داۋاملىق بىر قىسىم ئەقلىي يانفونلارنى چىقىرىدۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ مەھسۇلات ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا بېرىپ قالدى.

باشقا بىر پەن-تېخنىكا مېدىيەسى TechCrunchمۇ باھا بېرىپ، ھازىر مىكروسوفتنىڭ يانفون كەسپى دۇچ كەلگەن مەسىلە بولسا بۇ كەسپنى تەلتۆكۈس تاقىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى ئەقلىي يانفوننى Windowsنى نامايان قىلىدىغان تۈر قىلىش كېرەكمۇ، دېگەندىن ئىبارەت. مەيلى قانداقلا بولسۇن بىر نۇقتا ئىنتايىن ئېنىق، يەنى ئىستېمالچىلار ئەمدى ھەرقانداق Windowsسىستېمىسى ئىجرا بولىدىغان يانفوننى سېتىۋالمايدۇ.

چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۈگۈنكى مىكروسوفتنىڭ ئەقلىي يانفون بازىرىدىكى ئىپادىسىنىڭ قاتتىق ناچار بولۇشىنىڭ ئەڭ تۈپكى سەۋەبى بۇ بازارغا بەك كېچىكىپ كىرگەن. 2007-يىلى ئالما شىركىتى ۋە جوبس ئەقلىي يانفوننى قايتىدىن كەشپ قىلدى، ئىككىنچى يىلى گۇگولمۇ Androidمەشغۇلات سىستېمىسىنى چىقىرىپ، چەكمە ئېكرانلىق ئەقلىي يانفون بازىرىنى تارتىپ كەتتى، لېكىن مىكروسوفت ماھىيەتلىك تاقابىل تۇرۇش سىياسىتى چىقارمىدى.

ئەينى چاغدا، مىكروسوفتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بالمېر ئالما يانفونىنى مەنسىتمەي، باھاسى 500 نەچچە ئامېرىكا دوللىرىلىق يانفون مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى مۇمكىن ئەمەس، دېگەن ئىدى، بىراق بازارنىڭ كېيىنكى ئۆزگىرىش بالمېرنىڭ ھۆكۈمىتى خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر مىكروسوفت يەنە Windowsنىڭ كەلگۈسى يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى بازىرىدا بىر كىشىلىك ئورنى بولۇشىنى ئۈمىد قىلسا تۆۋەندىكى بەش ئىشنى قىلىشى كېرەك ئىكەن:

بىرىنچى، كاتەكلىك كۆرۈنمە يۈزدىن ۋاز كېچىشى كېرەك، چۈنكى بۇ نۇرغۇن ئابۇنتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. مىكروسوفت بۇ خىل كۆرۈنمە يۈزنىڭ قارشى ئېلىشقا سازاۋەر بولالمايدىغانلىقىنى چوقۇم ھېس قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، تېخىمۇ مۇقىم ماركا تاكتىكىسى قوللىنىش كېرەك. مىكروسوفتنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى سىستېمىسى «Windows Mobile» دەپ ئاتىلاتتى، كېيىن «Windows Phone» دەپ ئۆزگەرتىلدى، بۈگۈنكى كۈندە «Windows 10كۆچمە نۇسخىسى» دەپ ئاتىلىدۇ» ئەلۋەتتە ئوخشىمىغان ماركىلارنىڭ ئارقىسىدا ئىقتىدار ئوخشىماسلىقى بار، ئەمما ئىسمى ۋە ماركىسىنى پات-پات ئۆزگەرتىش مىكروسوفتقا كۆچمە سۇپا ئېھتىياجلىق بولغان ئىستېمالچىلار ئىشەنچىسى ئاتا قىلالمايدۇ.

ئۈچىنچى، Windowsيانفونىنىڭ قىممىتى بارلىقىنى ئىسپاتلاش كېرەك. مىكروسوفت Androdiۋە iOSقا كۆپلىگەن يۇمشاق دېتاللارنى چىقاردى، لېكىن ئۆزىنىڭWindowsيانفونى نۇسخىسنى ئېلان قىلمىدى. تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، بىر قىسىم Androdiۋە iOSنۇسخىدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىقتىدارى Windows Phoneنۇسخىسىنىڭكىدىن كۆپ. بۇنداق قىلمىشلار ئىستېمالچىلارنىڭ Windowsيانفونىغا بولغان ئىشەنچىسىنى قوزغىتالمىدى، مىكروسوفت يانفونلىرىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

تۆتىنچى، ئىسمى جىسمىغا لايىق بايراقدار يانفون چىقىرىشى كېرەك. ئاز ساندىكى خېرىدارلاردىن سىرت، كۆپ قىسىم ئىستېمالچى تاشقى كۆرۈنۈشىگە ئاساسەن يانفون سېتىۋالىدۇ. ئالما iPhoneنىڭ ئىتتىك سېتىلىشى بىرىنچى ئەۋلادنىڭ نەپس لايىھەلىنىشىدىن بولغان. لېكىن، مىكروسوفت نوكىيانىڭ يانفون كەسپىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئىسمى جىسمىغا لايىق بايراقدار يانفون چىقىرىپ باقمىدى.Lumia 950قاتارلىق ئىككى يانفونىنىڭ تېخنىك كۆرسەتكۈچى ناھايىتى ياخشى، ئىقتىدارى مول بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى يانفوندا iPhoneۋە سامسۇڭ Galaxy Sيۈرۈشلۈك يانفونىغا ئوخشاش كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سالاپەت يوق.

بەشىنچى، مەھسۇلات لىنىيەسىنى ئىخچاملاش كېرەك. نوكىيانىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىكى نۇرغۇن تىپتىكى يانفون چىقىرىش تاكتىكىسىدۇر (كەسپىي زاتلار نوكىيا سەمىمىيەت كەمچىل يانفون دېڭىزى تاكتىكىسىدا ئۆلدى دەپ قارايدۇ)، مىكروسوفت نوكىيانىڭ يانفون كەسپىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، بۇ تاكتىكىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلدى، خاراكتېرى كەمچىل كۆپ مىقداردىكى Lumiaيانفونى ئېلان قىلدى. نۆۋەتتىكى بازاردا، مىكروسوفت كىچىك ھەمدە نەپس بولۇشتەك تاكتىكىغا بۇرۇلۇشى كېرەك، زېھنى كۈچى ۋە بايلىقىنى ئاز ساندىكى نەچچە مەھسۇلاتقا قارىتىشى، سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ماركا ئوبرازىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھەر يىلى 2-3 خىل يانفون چىقىرىشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    مۇخبىرنىڭ 10–چېسلا خۇنەن شياڭتەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ 9–كۈنى شياڭتەن ناھىيەسىدە، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. 10-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇنقى دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 60 كىشىدا بىنو...
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
Powered by Leglek