جۇڭگو، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيەنىڭ تۇنجى قېتىملىق مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى 30-ئۆكتەبىر موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتۇردا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى كېڭىشىنىڭ مەقسىتى ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىىشدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشلارنى كونكىرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت.
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چىڭ گوپىڭ كېڭىشىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگو موڭغۇلىيە ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە، ئۈچ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىرى كېڭىشى مېخانىزمىنىڭ رامكىسى ئىچىدە، باراۋەر ئاساسدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپكە ئىگە بولۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ كونكىرېت مەزمۇنلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى، بولۇپمۇ ئۈچ تەرەپنىڭ بايلىق، مەبلەغ، تېخنىكا، بازار ۋە ئىقتىساسلىقلار جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved