ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا 18-ئىيۇل ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان سودا ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى ھەققىدىكى بەش كۈن داۋاملاشقان 6-نۆۋەتلىك سۆھبەتنى ئاياغلاشتۇردى، ئىككى تەرەپ سۆھبەتتە داۋاملىق ئاشكارە بولۇشقا ۋەدە بەردى، سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى تامۇژنا بېجى، مەبلەغ سېلىش ۋە مۇلازىمەت، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پەرقىنى ئازايتىش، مۇھىت ئاسراش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقى قاتارلىق قارالمىلارغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سۆھبەتتە ئىنتايىن ئاز ئىلگىرىلەش بولدى.
ياۋروپا ئىللىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى بېرسىلو مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ تامۇژنا بېجى، مۇلازىمەت ۋە ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق ساھەلەردە بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى كېڭەيتىش، داۋالاش، دورىگەرلىك، ئاپتوموبىل، خىمىيىلىك بۇيۇملار، قۇرۇلۇش قاتارلىق توققۇز كەسىپنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قوشۇلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved