1945-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ياپونىيە ‹‹ئۇرۇش توختىتىش پەرمانى››نى جاكارلىغان ياپونىيە تەڭرىخانى
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 9-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە خان جەمەتى ئىشخانىسى بۇ يىل 8-ئاينىڭ بېشىدا ياپونىيە تەڭرىخانىنىڭ تەسلىم بولغانلىقنى جاكارلىغانلىقىدەك ‹‹قىممەتلىك سۆزلەر›› ئۈنگە ئېلىنغان ئەسلى ئۈن پىلاستىنكىنى ئاشكارىلايدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تېلېۋىزىيە قاتارلىقلاردا بۇ پىلاستىنكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئاڭلاتقان بولۇپ، ئەسلى ئاۋاز نۇسخىسىنى ئاشكارىلىشى تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەن.
پۇقرالارغا ياپونىيەنىڭ تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىدا تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلايدىغان ‹‹ئۇرۇش توختىتىش پەرمانى›› 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچىدە شۇ چاغدىكى ئىچكى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ خىزمەت بىناسىدا ئاۋازغا ئېلىنغان، تەڭرىخان مىكروفوندا ئىككى قېتىم ‹‹ئۇرۇش توختىتىش پەرمانى›› دەپ جاكارلىغان، 15-ئاۋغۇست چۈشتە رادىيو ئارقىلىق 2-قېتىم ئاۋازغا ئېلىنغىنى ئاڭلىتىلغان. بۇ قېتىم پات يېقىندا ئاشكارىلىنىدىغىنى ھەقىقىي ئاڭلىتىلغان پىلاستىنكا بولۇپ، ۋاقتى تەخمىنەن 4:30 ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved