خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئارگېنتىنا Infobae تورىنىڭ 29-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 29-دېكابىر، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە نەچچە يۈزلىگەن تاكسى شوپۇرى كوچىلاردا نامايىش قىلىپ، UBER نىڭ بۇ جايدا قانۇنلىشىشىغا قارشى تۇرغان.29-دېكابىر بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلودىكى 300 دىن ئارتۇق تاكشى شوپۇرى تاكسىلىرى بىلەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىدىكى يوللارنى توسۇپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن UBER نىڭ بۇ جايدا قانۇنلۇق تىجارەت قىلىش لايىھەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، بەزى شوپۇرلار ساليوتلارنى ئېتىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن، يەنە بەزى شوپۇرلار ئايرودروم ئەتراپىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى توسۇۋېلىپ، قارشىلىق قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ سان پاۋلو شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ پەسىلدە 2-قېتىم UBER شىركىتىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىنى تەڭشىشى ئىكەن، ئەمما بۇ قېتىمقى تەڭشەش شۇ جايدىكى شوپۇرلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved