ئىگەللىنىشىچە لەمبورگىنى Huracan LP580-2 ماشىنا تىپى كېلەر يىلى 1-ئايدا جۇڭگو بازىرىغا رەسمىي كىرىدىكەن، مۆلچەر سېتىش باھاسى 3 مىلىيون يۈەن ئەتىراپىدا بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرلەپ باھانى چۈشۈرگەن (ھازىر سېتىلىۋاتقان LP600-4 چەكلىك نۇسخىنىڭ باھاسى 3.5 مىلىيون يۈەن، LP610-4 نىڭ باھاسى 4.29 مىلىيون يۈەن).
Huracan LP580-2 بۇ يىل 11-ئايدا لوس ئانجىلىس ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە تۇنجى ئېلان قىلىنغان، بۇ نۇسخا ماشىنىنى ھازىر سېتىلىۋاتقان ماشىنا تىپىغا سېلىشتۇرغاندا، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسىدا ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىك بار. بىرى 5.2L لىق V10 ئۆزلىكىدىن گاز سۈمۈرىدىغان ماتورنى داۋاملىق ئىشلەتكەن، بىراق يېڭى ماشىنىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋىتىنى 580 ئات كۈچىگە تەڭشىگەن، ھازىر سېتىلىۋاتقان LP600-4 چەكلىك نۇسخا ۋە LP610-4 نىڭ قۇۋىتىدىن تۆۋەن، ئوخشاشلا بۇ نۇسخا ماشىنىدا يەنە ئارقا چاقى قوزغىلىش سېستىمىسى ئىشلەتكەن، «-4» ماشىنا تىپىنىڭ قوزغىلىش شەكىلىدىن پەرقلىنىدۇ
يېڭى ماشىنىنىڭ 0-100km/h تېزلىنىش ۋاقتى 3.4 سىكۇنىت، Huracan LP610-4 نىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ئاران 0.2 سىكۇنىت ئاستا، يېڭى ماشىنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 320km/h گە يېتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved