جۇڭگو ئاخبارات تورى 21- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە ئارمىيە تەرەپتىكى بىر ئەرباب 21- مارت مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: كورىيە ئارمىيەسى بۇ يىل 200 توننا دەرىجىلىك تېز سۈرئەتلىك پاراخوت PKG-B نى ياساپ چىقىدۇ، بۇ پاراخوت چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى ۋە شىمالىي چېگرا لىنىيەسىنىڭ مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ 440 توننا دەرىجىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق تېز سۈرئەتلىك پاراخوتتىن كېيىنكى تۈر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، PKG-B دىن ئاز دېگەندە 20 سى ياسىلىدىكەن، چۈنكى PKG-B كونا تىز سۈرئەتلىك پاراخوتتىن كىچىك، تېز سۈرئەتتە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋە كېمە گەۋدىسىنىڭ يۇشۇرنۇشچانلىق ئىقتىدارى يۇقىرىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پاراخوتقا يىنىك تىپتىكى قوراللار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىنىدىكەن. ئارمىيە تەرەپتىكى بىر ئەربابنىڭ ئاشكارلىشىچە، PKG-B غا سەپلىنىدىغان باشقۇرۇلدىغان بومبا نۆۋەتتە تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئوتتۇرا ۋە يېقىن ئارىلىقتىن دۈشمەن ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ھەيدەش بۆلىمى ۋە باشقا قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغىلى بولىدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved