3603-قېتىملىق پويىز 24-يانۋار سائەت 00:11دە بېيجىڭ ۋوگزالىدىن قوزغالدى. بۇ بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى خەندەن ئۇچاستىكىسى ئۈستىگە ئالغان بېيجىڭدىن چۇڭچىڭ شىمالىي ۋوگزالىغا بارىدىغان پويىز بولۇپ، بۇ يىللىق مەملىكەت بويىچە چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا يولغا چىققان تۇنجى كۆپەيتىلگەن پويىز، بۇ چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇيدىغان 40 كۈندە 30 مىليون كىشىنى توشۇشنى مۆلچەرلىدى، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 مىليون 122 مىڭ كىشى كۆپىيىپ، %7.6 ئاشىدىكەن، يولۇچىلار ئېقىمى يېڭى رېكورتنى يارىتىدىكەن. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن لاڭفاڭ، ساڭجۇ غەربىي ۋوگزالىغا، بېيجىڭ ۋوگزالىدىن تاڭشەن، چىڭخۇاڭداۋ ئارىسىغا، بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن خەندەن شەرقىي ۋوگزالى، شىڭتەي شەرقىي ۋوگزالىغا قاتنايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك شەھەر ئارا پويىز، بېيجىڭ شەرقىي ۋوگزالىدىن يەنجياۋ، باۋشيەن ناھىيەسىگە قاتنايدىغان ئادەتتىكى شەھەر ئارا پويىزنى يولغا قويۇپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved