يىل ئاخىرلىشاي دەپ قالغاندا، نۇرغۇنلىغان ئىشچى خىزمەتچىلەر يىللىق مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما يەنە ئاز بولمىغان قارا نىيەت خوجايىنلار قانداق قىلىپ خىزمەتچىسىنى ئىشتىن بوشىتىش ئارقىلىق يىللىق مۇكاپاتنى تېجەپ قېلىش ھەققىدە قاتتىق باش قاتۇرىدۇ. يېقىندا، خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئوقەتچىلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى شياۋلىننىڭ خىزمەت ۋاقتىدا قىزىل بولاق ئوينىغانلىقى سەۋەبلىك خوجايىنىنىڭ ئۇنىڭغا 3000 يۈەن جەرىمانە قويۇشى نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ بەس مۇنازىرە قىلىشىنى قوزغىدى.
توردا تارقىتىلغان رەسىمدىن جەرىمانە قەغىزىدىكى مەزمۇننى كۆرگىلى بولاتتى: «بازار بۆلۈمىدىكى لىن چۈشتىن بۇرۇنقى خىزمەت ۋاقتىدا شىركەتنىڭ ئىش بېجىرىش مۇھىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇدا ئىككى سائەت قىزىل بولاق تالىشىپ، ئادەم كۈچىنى ئىسراپ قىلغانلىقى، شىركەتنىڭ مەبلىغىنى ئىگىلىگەنلىكى خىزمەتداشلىرى ئارىسىدا ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، شىركەت لىن ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىشنى ھەمدە 3000 يۈەن جەرىمانە قويۇشنى قارار قىلدى...» يۇقىرىقى خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ مىكرو بىلوگدا تارقاتقان كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شىركەت شياۋلىنغا ئىككى خىل تاللاش بەرگەن ئىكەن، يەنى ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەتتىن چېكىنىش ياكى جازانى قوبۇل قىلىش. تورداشلار مۇلاھىزە قىلىپ، بۇ ئىشنى يىل ئاخىرىدا پۇل ئارقىلىق خىزمەتتىن چېكىندۈرۈشتىن ئىبارەت شەكلى ئۆزگەرگەن ئىشتىن ھەيدەش شەكلى دېيىشتى.
يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇش توردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىدى. كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ قارىشىچە، شىركەتنىڭ خالىغانچە 3000 يۈەن جەرىمانە قويۇشى ئەمگەك قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، شەكلى ئۆزگەرگەن خىزمەتچىلەرنى ئىشتىن بوشىتىش ئۇسۇلى ئىكەن. مەلۇم بىر تورداش مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى:« ئەگەر مەن مۇشۇنداق ئىشقا ئۇچراپ قالسام چوقۇم دەرھال كېتىمەن، ئۇنىڭغا ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ جەرىمانە قويۇشنىڭ ئورۇنلۇق ياكى ئورۇنسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن.» يەنە بىر قىسىم تورداشلار شياۋلىنغا ھېسداشلىق قىلىپ، «ئەگەر ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار شىركەت بولسا ھەرگىزمۇ يىل ئاخىرىدا خىزمەتچىنى ئىشتىن ھەيدىمەيدۇ، بۇنداق شىركەتتىن قانچە بالدۇر كەتسە شۇنچە ياخشى» دېيىشتى.
بۇ ئىشقا قارىتا، مۇخبىرنىڭ ئەمگەك ماجىراسىغا ئالاقىدار كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ ئىگىلىشىچە، خىزمەتچى بىلەن شىركەت ئوتتۇرىسىدا توختام ئاساسىدا شەكىللەنگەن ياللاش ياللىنىش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇپ، خىزمەتچى خىزمەت ۋاقتىدا خىزمەتتىن سىرت ئىشلار بىلەن شۇغۇللانسا توختامغا خىلاپلىق قىلغان ھېسابلىنىپ، شىركەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ياكى ئەمگەك قانۇنى دائىرىسى ئىچىدە جازا بېرىش ھوقۇقى بولىدىكەن. ئەمما شىركەتنىڭ خىزمەتچىنى جازالاشتا چوقۇم باھالاشنى ئاساس قىلىشى، مەلۇم چەكتە بولۇشى، خالىغانچە جازالىماسلىقى زۆرۈر ئىكەن، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، خىزمەتچى ئەمگەك كېسىم ئورنىغا ئىلتىماس سۇنۇپ ئۆزىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىسا بولىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved