تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىنىڭ 21-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 20-مارت بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جوڭشىڭغا قارىتىلغان سودا جازاسىنى ۋاقىتلىق بىكار قىلىشنى پىلانلىغان، بۇ ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى پەسەيتىدۇ.
ئامېرىكا3-ئاينىڭ بېشىدا جوڭشىڭنى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمبارگو يۈرگۈزۈش سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلدى دېگەننى باھانە قىلىپ، جوڭشىڭغا سودا جازاسى بەرگەن ئىدى.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى:«بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىرلا ۋاقىتتا جوڭشىڭنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بەرگەن چەكلىمىلىككە ئىگە ۋەدىسىنى ئويلىشىپ، جوڭشىڭغا قارىتىلغان جازانى ۋاقىتلىق توختىتىشنى قارار قىلدۇق» دېدى.
بۇ ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى بىلەن جوڭشىڭ ئارىسىدىكى سۆزلىشىش «ئاكتىپ» ھەمدە «ئىجابىي» بولغان. ئەمما ئۇ تەكىتلەپ، جوڭشىڭنى قارا تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىشنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق تەدبىر ئىكەنلىكىنى، جوڭشىڭمۇ چوقۇم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئاندىن بىكار قىلىنىشنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە، بۇ كېلىشىمنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئەمما بۇ ئەمەلدار بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنىدىغان «فېدېراتسىيە دوكلاتى»دا تەپسىلىي ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved