ئاپتونوم رايونىمىزدا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن–سىن پىروگراممىسىغا چېتىشلىق 11دېلوغا بىرتۇتاش ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ: ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، تۇرپان ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى قاتارلىق يەتتە ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق ۋە شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 10 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن – سىن پىروگراممىسىغا چېتىشلىق 11 جىنايى دېلوغا ئوچۇق ھۆكۈم ئېلان قىلدى، 32 جاۋابكار ئىچىدىكى ئۈچ جاۋابكار مۇددەتسىز قامات جازاسىغا، 29 جاۋابكار 15 يىللىقتىن تۆت يىللىققىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.


بۇ دېلولار يان تېلېفون، ئالاقە تورى قاتارلىقلار ئارقىلىق دىن ئەسەبىيلىكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى ساقلىغان، چۈشۈرگەن، تارقاتقان ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېررورلۇق تەشكىلاتلارلىرىغا قاتنىشىشقا تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش، پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى قانۇنسىز ياساش، مىللىي ئۆچمەنلىككە ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىش، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىش قاتارلىق جىنايەتلەر سادىر قىلىنغان تىپىك دېلولار ھېسابلىنىدۇ.


ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، 2011 – يىلى دېكابىردىن بۇيان، جاۋابكار ئالىمجان سىيىتئۆمەرنىڭ شاھداۋۇت مەمەت ۋە ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىم، مەمەتھەسەن توختى قاتارلىق جاۋابكارلارنى يىغىپ، ئۈرۈمچىدە قانۇنسىز ۋەز سۆزلەش ئورنى قۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، ئىدىيەلىرى بىرلىككە كەلگەن، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بېكىتىلگەن، بىرقەدەر مۇقىم بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. يۇقىرىدىكى جاۋابكارلار دىنىي تەلىم ئالغۇچىلارنى دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇترىتىش، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى مەزمۇنىدىكى كىتاب – ژۇرنال، ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى كۆرۈشكە تەشكىللىگەن ھەم چېنىقتۇرۇپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ماھارەتلىرىنى ئۆگەتكەن؛ قانۇنسىز ۋەز سۆزلەش ئورنى پاش قىلىنغاندىن كېيىن، جاۋابكار روزىمەتجان ئىمىن جاۋابكار ئالىمجان سىيىتئۆمەرنى يوشۇرۇپ قويغان. سوت مەھكىمىسى جاۋابكار ئالىمجان سىيىتئۆمەر، شاھداۋۇت مەمەتنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇشقا تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتىگە قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى؛ ئابدۇخېلىل ئابدۇرېھىم، مەمەتئەيسا توختىغا مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن تۆت يىل مەھرۇم قىلدى؛ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار نۇرمەمەت تۇرسۇن قاتارلىق توققۇز جاۋابكارغا ئون يىلدىن تۆت يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى؛ جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار روزىمەتجان ئىمىنغا مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، 2013 – يىلى مايدا جاۋابكار دىلشاد ئابلانىڭ ئالاقە تورىدىكى ‹‹ئىسلام ئىدىيەسى مۇنبىرى››دە ئۆزى يازغان مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىدىغان ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قۇترىتىدىغان مەزمۇندىكى شېئىرلارنى يوللىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى. دىلشات ئابلا بىلەن ئەخمەت قادىر، شىرئەلى موللىتۇردى، ئابدۇرېھىم موللامەمەت قاتارلىق جاۋابكارلار 2013 – يىلى 6 – ئايدا كۆپ قېتىم يىغىلىپ، دىن ئەسەبىيلىكى، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى تەرغىب قىلىدىغان ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى قويغان، كۆرگەن، يان تېلېفونىغا كۆچۈرگەن، تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرغان ھەم جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چېنىققان. سوت مەھكىمىسى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن دىلشات ئابلاغا قانۇن بويىچە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى؛ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جىنايىتى بىلەن ئەخمەت قادىر قاتارلىق ئالتە جاۋابكارغا قانۇن بويىچە ئون يىللىقتىن يەتتە يىللىققىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى.


قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، 2013 – يىلى مايدىن ئاۋغۇستقىچە، جاۋابكار تاجىمەمەت ئەمەتنىڭ يان تېلېفونىنىڭ كۆپ ۋاسىتىلىك كارتىسى ئارقىلىق، چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ چېنىقىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئۈن – سىن پىروگراممىلىرىنى كۆپ قېتىم كۆرگەنلىكىنى؛ چېگرادىن قانۇنسىز چىقىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئېنىقلىدى. ئۇ جاۋابكار نۇرگۈل يۈسۈپ بىلەن 2013 – يىلى ئۆكتەبىر باشقىلارنى ئېلىپ، ئاپتوموبىللىق ئاتۇش، ئۇلۇغچاتتا چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش يولىنى ئىزدىگەن ھەم 2014 – يىلى يانۋاردىن فېۋرالغىچە، جاۋابكار ئەمىرۇللا تۇرسۇن قاتارلىقلارنى يېنىغا تارتىپ، گۇاڭجۇ، نەننىڭ قاتارلىق جايلاردا چېگرا سىرتىدىكىلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، چېگرادىن قانۇنسىز چىقىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش غەرىزىدە بولغاندا تۇتۇلغان. سوت مەھكىمىسى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار تاجىمەمەت ئەمەتكە قانۇن بويىچە مۇددەتلىك 13 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن تۆت يىل مەھرۇم قىلىشنى؛ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جىنايىتى بىلەن جاۋابكار ئەمىرۇللا تۇرسۇن بىلەن نۇرگۈل يۈسۈپنى مۇددەتلىك توققۇز يىللىق ۋە ئالتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىشنى ھۆكۈم قىلدى.


گۇما ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاۋابكار ئەخمەت مەمەتئىمىننىڭ دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن، يان تېلېفونىنىڭ كۆپ ۋاسىتىلىك كارتىسىغا چېگرا سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىن ئەسەبىيلىكى تەرغىب قىلىنغان، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىدىغان مەزمۇندىكى نۇرغۇنلىغان ئۈن – سىن پىروگراممىسىنى ساقلىغانلىقىنى ھەم پارتلاتقۇچ ياسايدىغان خام ماتېرىيال، پارتلاتقۇچ ياساش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسىغا ئائىت سىن پىروگراممىلىرىنى، ھۆججەتلەرنى توپلىغانلىقى ۋە ساقلىغانلىقىنى ئېنىقلىدى. سوت مەھكىمىسى مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە مىللىي كەمسىتىشكە قۇترىتىش جىنايىتى ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى قوشۇپ، جاۋابكار ئەخمەت مەمەتئىمىنگە مۇددەتلىك 13 يىللىق قاماق جازاسى بېرىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن تۆت يىل مەھرۇم قىلىشنى ھۆكۈم قىلدى.


دېلوغا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى جاۋابكارلارنىڭ ئاقلاش ھوقۇقى، ئۆز مىللەت تىل – يېزىقىدا دەۋا قىلىش ھوقۇقى، يۇقىرىغا ئەرز قىلىش ھوقۇقى ۋە باشقا دەۋاغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە بىردەك كاپالەتلىك قىلدى. 



خەتكۈچلەر:
12-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek