نومۇس! مانچېستېر شەھىرى 15 نومۇر پەرق بىلەن چېمپيونلۇقنى تالىشىشتىن چېكىندى

سۇمرۇغ تەنتەربىيەسى21- مارت خەۋىرى؛ باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى

171- قېتىملىق مانچېستېر دېربىسىدىكى چوڭ جەڭ ئاخىرى مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ مېھمان مەيداندا 1-0 نەتىجە بىلەن مانچېستېر شەھىرىنى يېڭىشىدەك نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى. 31-ئايلانما مۇسابىقىدىن كېيىن، مانچېستېر شەھىرى بىلەن كوماندىسى ئەڭ ئالدىدىكى لېيسېستېر شەھىرى كوماندىسىدىن 15 نومۇر پەرق بىلەن كېيىن قالدى، ئېشىپ قالغان سەككىز مەيدان مۇسابىقىدە يېتىشىۋېلىش ئۈمىدىدىن ئىشەنچ قالمىدى. ئەمەلىيەتتە، مەزكۇر مۇسابىقە پەسىللىك ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپيونلۇقىنى تالىشىش جېڭىدىن چېكىنىپ چىقتى. ئەمما ھايات-ماماتى قىل ئۈستىدە تۇرغان ۋانجال يەنە بىر قېتىم غەلبە قىلدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن تەييارلىق توختامى تۈزگەن مورىنھو يەنە داۋاملىق ساقلايدىغان بولدى.

مەزكۇر دېربى جېڭىدە ھەر ئىككىلا تەرەپ ھەل مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى ئۈچ نۇمۇر ئالالىسا،ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش ئۈمىدى تۇغۇلىدۇ، ئەمما مەزكۇر مۇسابىقە پەسلىدىكى تۆت مەيدان ھېچقانداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمەسلىكتەك ئاقىۋەتتە قالغان مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى تېخىمۇ شۇنداق، ئۇتتۇرۇش _ مەزكۇر مۇسابىقە پەسلىدە ھېچ بولمىغاندا تۆتىنچىلىكنى تالىشىش ئۈمىدىنىڭمۇ بەربات بولۇشىغا ئاز قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇسابىقىدىن بۇرۇنلا مەلۇم خەۋەردە مورىنھونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن تەييارلىق توختامى تۈزگەنلىكى ئېيتىلغان، ئۇ ھەر ۋاقىت ۋانجال ئەپەندىنىڭ ئورنىغا ئالمىشىشقا تەييارلانغان بولۇپ، ۋانجالنىڭ بېسىمىنى بىر قەدەر ئېغىر دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

ئاخىرىدا، مانچېستېر بىرلەشمىسى راشفوردنىڭ توپ كىرگۈزۈشى بىلەن كۈلكىگە مۇيەسسەر بولغان. مانچېستېر شەھىرى مەزكۇر مۇسابىقە پەسلىدە بەشىنچى قېتىم ئۆز مەيدانىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان لېيسېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن بولغان پەرق 15كە يەتكەن بولۇپ، مەزكۇر مۇسابىقە پەسىللىك ئېنگلاند دەرىجدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپيونلۇقىنى تالىشىش كۈرىشىدىن چېكىنىپ چىقتى. مەزكۇر مۇسابىقە پەسلىدە، مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىرلەشمە مۇسابقىدىكى ئالدىنقى ئالتە كوماندا بىلەن بولغان جەڭدە بىر مەيدانمۇ يېڭىپ باقمىغان.بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىدىكى لېيسېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ بىر مەيدان تەڭلىشىپ،بىر مەيدان يېڭىلگەن، توتتېنھام كوماندىسى بىلەن ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولغان، تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئارسېنالغا 1-2 نەتىجە بىلەن يېڭىلگەن،مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋە غەربى ھام كوماندىلىرى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىلەردە بىر مەيداندىن تەڭلىشىپ، بىر مەيداندىن مەغلۇب بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، مانچېستېر شەھىرى مەزكۇر مۇسابىقە پەسلىدە يەنە لىۋېرپول كوماندىسى تەرىپىدىن قوش بوغۇزلانغان. كۈچلۈك كوماندىغا يولۇقسىمۇ يېڭىلگەن، ئاجىز كوماندىغا يولۇقسىمۇ يېڭىلگەن.

ۋانجال يەنە بىر قېتىم غەلبە قىلدى. مەزكۇر مۇسابىقە پەسلىدە ۋانجال كۆپ قېتىم ئورنىنى بوشىتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن، ئەمما نەچچە قېتىم غەلبە قىلالىغان. جەن جەن بۇنى ئوخشىتىپ مۇنداق دېگەن:« ۋانجال ھەمىشە ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، ئەمما يەنىلا ئۈمىدنى ئۈزمەيدۇ. ئۇ ھەمىشە ئىككى پۇتى گۆرگە ساڭگىلاپ، ئاندىن يەنە ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. قارىغاندا گۈللەر خازان بولغۇچە مورىنھو يەنە ساقلايدىغان ئوخشايدۇ.»



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
27-05-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات نەشرىياتچىلىقى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ...
Powered by Leglek