خىمىيە ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى، تەركىبى، قۇرۇلمىسى، ئۆزگىرىشى، ئۆزگىرىش سەۋەبى، شۇنداقلا ئۆزگىرىش جەريانىدا كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. خىمىيە ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قورالى. ئىنسانلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن بىلىملەرنى توپلىدى ھەم تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشىدە بەلگىلىك سەۋەب ۋە شەرت بولىدىغانلىقىنى چۈشەندى.
جەمئىيەت تەرەققىياتى ئىنسانلار تەرەققىياتىدىن ئايرىلمايدۇ، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتى ھاياتلىق بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىشلىق، ھاياتلىق بولسا خىمىيەلىك ئۆزگىرىشلەردىن ئايرىلالمايدۇ. خىمىيەلىك ئۆزگىرىش بولمىغان بولسا يەرشارىدىكى ھاياتلىق بولمىغان بولاتتى، جۈملىدىن ئىنسانلارمۇ بولمىغان بولاتتى. ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىدىكى ماددىلارنىڭ بەزىلىرى تەبىئىي مەۋجۇت. تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇن نەرسە تەبىئىي ماددا بولماستىن، بەلكى خىمىيەلىك ئۇسۇللار بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نەرسىلەردۇر. مەسىلەن: خىمىيەلىك ئوغۇت، سۈنئىي تالا قاتارلىقلار. دېمەك، ماددىلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىدىغان خىمىيە ئىلمى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرىپىدە مەۋجۇت.
ئىنسانلار ھاياتلىقتا يېمەكلىكتىن ئايرىلالمايدۇ. بەزى يېمەكلىكلەر ئايرىم ئىستېمال قىلىنسا بەدەنگە پايدىلىق بولغىنى بىلەن، باشقا يېمەكلىكلەر بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلىنسا، بەدەنگە زىيانلىق. قايسى يېمەكلىكلەرنى بىر ۋاقىتتا ئىستېمال قىلماسلىق ھەققىدە بىزدە نۇرغۇن پەرھىزلەر بار. مەسىلەن: قوي گۆشى بىلەن تاۋۇز بىرگە يېيىلسە، ئادەمنى ماغدۇرسىزلاندۇرىدۇ؛ كالا گۆشى بىلەن كاشتان بىرگە يېيىلسە، ئادەمنى ياندۇرغۇزىدۇ، توشقان گۆشى بىلەن كەرەپشە بىرگە يېيىلسە، چاچنى چۈشۈرىدۇ؛ ماش ئۇيۇتمىسى بىلەن ھەسەل بىرگە يېيىلسە ، قۇلاقنى گاس قىلىدۇ. ئوزۇقلىنىش جەھەتتىكى بۇنداق پەرھىزلەر خىمىيەلىك ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنسانلار بۇ يېمەكلىكلەرنى يېيىش جەريانىدا پەيدا بولىدىغان ئۆزگىرىشكە ئاساسەن ئوزۇقلىنىش جەھەتتىكى پەرھىزلەرنى يەكۈنلەپ چىققان.
سالامەتلىك ۋە ساغلاملىق ئىنسانلار ھاياتىنىڭ كاپالىتى. تارىختىن بۇيان ساغلام ياشاش، كېسەللىكنى داۋالاش ئىنسانلار ئىنتىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىدۇر. سالامەتلىك، ساغلاملىقمۇ خىمىيە بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. بەدىنىمىزدە ھاياتلىقىمىزنى ساقلاپ تۇرىدىغان قەنت، ئاقسىل، ئامىنو كىسلاتا قاتارلىق نۇرغۇن ئورگانىك بىرىكمە ماددىلار بار. ئەمەلىيەتتە كېسەل بولۇشىمىز بەدىنىمىزدىكى مەلۇم خىمىيەلىك ئېلېمېنتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولىدۇ.
ھازىر كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئەپچىل چارىلەرگە تايىنىپ نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقتا، ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرماقتا. كىشىلەر يەكۈنلەپ ئوتتۇرىغا قويغان تۆۋەندىكى ئەپچىل چارىلەر ئەمەلىيەتتە خىمىيەلىك ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى بايقاشنىڭ ۋە خىمىيەلىك ئۆزگىرىشتىن پايدىلىنىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. مەسىلەن: ئاشخانا ئۆي ئەڭ ئاسان مايلىشىدۇ. ئاشخانا ئۆينى سۈرتكەندە، سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ قۇيۇۋەتسەك، يەردىكى ماي قالدۇقلىرى پاكىز چىقىپ كېتىدۇ؛ يېڭى ئۈزۈلگەن گۈلنى چىلىغان سۇغا ئازراق ئاق سىركە قۇيۇپ قويساق، گۈل ئاسان قۇرۇپ كەتمەيدۇ؛ گۈللۈك ياكى قېنىق رەڭلىك پاختا رەختلەردە تىكىلگەن كىيىملەرنى يۇيۇشتىن ئاۋۋال، تۇز سېلىنغان سوغۇق سۇغا 20 مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويۇپ ئاندىن يۇيساق، رەڭگى ئۆڭمەيدۇ.
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەتراپىمىزدا خىمىيە بار، بىزمۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا خىمىيەدىن ئايرىلالمايمىز. شۇڭا تۇرمۇشىمىزدىكى، ئەتراپىمىزدىكى خىمىيەلىك ھادىسىلەرگە دىققەت قىلىپ، خىمىيەلىك بىلىم ۋە ساۋاتلارنى ئىگىلىسەك، تۇرمۇشىمىزدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئاسانلاشتۇرالايمىز.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved