ئىناۋەتنىڭ كارتىنىڭ ئىشلىتىلىش قەرەلى توشسا قانداق قىلىش كېرەك؟

   ئادەتتە ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولۇپ، كارتا يۈزىدە ئەسكەرتىلگەن بولىدۇ، ئىشلىتىلىش قەرەلى توشقاندىن كېيىن قايتا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئىشلىتىلىش قەرەلى توشسا قانداق قىلىش كېرەك؟

   كارتا ئىگىسى ئالدى بىلەن ئىناۋەتلىك كارتىغا ئېھتىياجى بار – يوقلۇقىنى ئويلىشىپ ئاندىن قارار چىقىرىشى كېرەك. ئەگەر ئىناۋەتلىك كارتىغا داۋاملىق ئېھتىياجلىق بولسا بانكا بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ كارتا توڭلىتىلىۋېتىلمىگەنلا بولسا يېڭىدىن بېجىرسە بېرىدۇ، يېڭى كارتىنىڭ كارتا نومۇرى، ئىقتىدارى، ئىناۋەت سوممىسى قاتارلىقلار بۇرۇنقى كارتا بىلەن ئوخشاش بولۇپ ئىشلىتىلىش قەرەلىدىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ. ئەگەر كارتا ئىگىسى كارتىنى قايتا ئىشلەتمەيدىغان بولسا بۇ كارتىنى بىكار قىلدۇرۇۋەتسە بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بەزى كىشىلەر ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ ئىشلىتىلىش قەرەلى توشقاندىن كېيىن ئاتايىن بانكا بىلەن ئالاقىلىشىپ بىكار قىلدۇرۇشنى ئارتۇقچە، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش خەتەرگە يول قويغانلىق بولىدۇ. چۈنكى ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلىتىلمىگەن ھالەتتىمۇ كارتىنىڭ يىللىق ھەققى يەنىلا ئېلىنىدىغان بولۇپ، ئاستا – ئاستا بۇ ئىناۋەتلىك كارتىدا قەرز جۇغلىنىپ، كارتىنىڭ ئىگىسىگە ناچار ئىناۋەت خاتىرىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كارتىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ كارتىدىن پايدىلىنىپ كارتا ئىگىسىگە زۆرۈر بولمىغان ئىقتىسادىي زىيان سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

   بانكىلارمۇ كارتا ئىگىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ ھەم مۇشۇ ئاساستا قەرەللىك ھالدا كارتىنىڭ ئىناۋەت سوممىسىنى تەڭشەيدۇ. ئەگەر كارتىنىڭ ئىشلىتىلىش قېتىم سانى ئاز بولسا ئىناۋەت سوممىسى تۆۋەنلىتىلىشى مۇمكىن، شۇڭا كارتا ئىگىسى كارتىنى ئالماشتۇرغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىناۋەت سوممىسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش كېرەك. كارتىنىڭ ئىناۋەت سوممىسىنى يۇقىرىلىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كارتا ئىگىلىرى يېڭى كارتىنى ئاچقۇزغاندىن كېيىن، بانكىغا ئىناۋەت سوممىسىنى يۇقىرىلىتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
26-11-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: شىنجاڭ گىزىتى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
Powered by Leglek