كېررىي: پەلەستىن ھۆكۈمىتى مەغلۇب بولسا ئورنىغا كىم چىقىدۇ؟

 جاھان ئاگېنتلىقى 25-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جن كېررىي پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىنچلىق مۇساپىسى ئۈچۈن تىنچ بولغان يېقىنلىشىش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى، «ئەگەر پەلەستىن ھۆكۈمىتى مەغلۇب بولسا ئۇلارنىڭ ئورنىغا كىم چىقىدۇ؟ خاماسمۇ؟ ئىسلامى جىھادمۇ؟» دەپ سۆز قىلدى. جون كېررىي بەش بۈرجەكلىك بىنا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتىتىدىكى يىغىنغا قاتنىشىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى.

پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى دېكابىر ئېيىدا خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاساسى كېلىشىمى «روم كېلىشىمى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى خەلقئارا كېلىشىملەرگە قۇشۇلۇش ئىمزاسى قويغان ئىدى، بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئىسرائىلىيەمۇ پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە بېرىدىغان تۆلەملەرنى ئۆتەشنى قارار قىلغان ئىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىكېررىي بىر سۇئالغا جاۋاپ بېرىپ؛«ئ‍ەگەر پەلەستىن ھۆكۈمىتى مەغلۇب بولسا كىم ئۇلارنىڭ ئورنىغا چىقىدۇ؟ خاماسمۇ؟ ئىسلامى جىھادمۇ؟ مەن بىلمەيمەن، ئەمما شۇنى بىلىمەنكى پەلەستىن ھۆكۈمىتى نۇرغۇن قېتىم بىر قانچە نوقتىدا قىيىنچلىق پەيدا قىلسا پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش چارىسى ئۈچۈن زوراۋانلىقتىن يىراق تۇرۇشنى ۋە تىنچ يېقىنلىشىش ۋەدىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دەپ سۆز قىلدى.

كېررىي پەلەستىننىڭ « دۆلەت بولىغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە قاتنىشىش ھۇقۇقى يوقلىقىنى» تەكرارلاپ، بۇ ھەقتە باشقا دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئەمما بىرەر يەكۈن چىقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىراك ئوباما بۇ يىغىنغا سۇنغان پىكرىدە، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن بولغان كۈرەشتە كۈچ ئىشلىتىشكە ئالاقىدار ئۇزۇن مەزگىللىك ئۇرۇش، قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىغا رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. كېررىيمۇ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاش ھەرىكىتى ئۈچۈن رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ، ئەمما ئالاھىدە ھەرىكەتلەر، تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق بەزى ئەھۋاللاردا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



25-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek