يېقىندا روسىيە ياۋرۇپا ئىتىپاقىنىڭ روسىيەگە قاراتقان جازاسىغا ېە تۈركىيەنىڭ روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىنىڭ يامانلىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن،روسىيەنى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش توغرسىدا نۇيرۇق چىقاردى. بۇنىڭ تەسىرى قانداق بولىدۇ؟
روسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدۋ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ،2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ،ئۇكرائىنادىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلاردىن تاموژنا بىجى ئېلىشنى ھەمدە ئۇكرائىنادىن يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى قارار قىلغان. بۇ بۇيرۇقنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغان ۋاقتى دەل ئۇكرائىنا بىلەن ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتىپاقىنىڭ ئالاقىلاشكۈچى دۆلەتلىك كىلىشىمنىڭ ئىقتسادى قىسمى كۈچكە ئىگە بولىدىغان كۈنگە توغرا كەلگەن،بۇنى چەتئەلللەر روسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ياۋرۇپا ئىتىپاقى بىلەن ئىمزالىغان ئەركىن سودا كىلىشىمىدىن ئۆچ ئېلىش دەپ قارىغان.
روسىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتىپاقى ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جىددىلەشكەن مۇشۇ پەيىتتە،روسىيە ياۋرۇپا ئىتىپاقى بىلەن تۈركىيە بىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان.بۇ قېتىم ئۇكرائىنادىن يىمەكلىك مەھسۇلاتنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىشى روسىيەنىڭ مەملىكەت ئىچىدە يىمەكلىك بىلەن تەمىنلىشىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۋىتىدىكەن،بىراق بۇ يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جوڭگو تاۋارلىرىنىڭ روسىيەگە كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن،بۇ جوڭگو بىلەن روسىيەنىڭ ئىقتىسادى مۇناسىۋېتىنى مۇستەھكەملەشكە ۋە يوقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.
2014-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىنادا ھكىمىيەت ئالماشقاندىن كىين،يېڭى ھاكىمىيەت روسىيەگە قاراتقان ياخشى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتىپاقىغا كىرىشتەك دۆلەت ئىستىراگيسىنى تېزلەتكەن.
2014-يىلى مارتتا،ئۇكرائىنا بىلەن ياۋرۇپا ئىتىپاقى ئالاقىلەشكۈچى دۆلەتلىك كىلىشىمىنىڭ سىياسى قىسمىنى ئىمزلاپ، ئۇكرائىنا بىلەن ياېرۇپا ئىتىپاقىنى قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلىگەن. شۇنداقلا ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى قىسمىدا سېستىمىلىق ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىپ بارغان ۋە ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتىپاقىنىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە ئۇكرائىنانىڭ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئىستىراتىگىيەلىك يىتەكچىلىك قىلغان.
ئۇكرائىنا تەرەپ، ئۇكرائىنانىڭ ياۋرۇپا بىلەن تىزدىن بىر گەۋدىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ زور تەرەققى قىلىشىنى ۋە خەلىقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تېزدىن يوقىرى كۆتىرىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. بىراق ئۇكرائىنانىڭ
ياۋرۇپاغا يېقىنلىشىشى روسىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.2011-يىلى،ئۇكرائىنادىن ئىبارەت مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئەركىن سودا رايۇنى كىلىشىمى ئىمزالىغان،ئۇكرائىنا تاۋارلىرى تاموژنا بىجى ئېلىنمىغان ئەھۋالدا روسىيەگە كىرگەن،شۇنداقلا سەھىيە، تاموژنا،كۆچمەنلەر، مۇلازىمەت ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولغان. روسىيە تەرەپ، ئۇكرائىنا بىلەن ياۋرۇپا بىلەن ئەركىن سودا رايۇنى قۇرۇشى،ياۋرۇپا تاۋارلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئارقىلىق روسىيە بازارلىرىغا كىرىپ،روسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە ۋە دۆلەت بېخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىشىدىن ئەندىشە قىلغان.
2014-يىلى ئىيولدىن باشلاپ،ئۇكرائىنا بىلەن ياۋرۇپانىڭ ئالاقىلاشكۈچى دۆلەتلىك كىلىشىمىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن.ئۆتكەن يىلى 21- دىكابىر روسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ يىڭى بىر قېتىملىق سۆھبەتتە، ئۈچ تەرەپ بۇ مەسىلىدە كىلىشىم ھاسىل قىلالمىدى.سۆھبەتكە قاتناشقان روسىيەنىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى، ياۋرۇوپا ئىتىپاقى روسىيەنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشمىدى،روسىيە ئىچكى بازىرىنى قوغداش ئۈچۈن«ئۇكرائىنادىن يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى»دېدى.
روسىيەنىڭ ئىقدىسادى مىنىسترلىقى مۇنداق دىدى:«روسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىن يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىشى روسىيەگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،روسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ سودىسى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا،بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئون ئېيىدا روسىيەنىڭ ئوكرائىنادىن ئىمپورت قىلغان يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمى مىقدارى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن يېرىمى ئازايغان بولۇپ،ئومۇمى سوممىسى268مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپ ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىنىڭ4:1 گە چۈشۈپ قالغان.
ئۇكرائىنا زۇڭلىسىمۇ روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارىتا يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىش ئوكرائىنا ئىقتىسادىغا ھەقىقى تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى،چۈنكى ئۆتكەن يىلى مارتتا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يامانلاشقاندىن بۇيان،ئۇكرائىنا بىلەن روسىيە ئوتتۇرسىدىكى سودىنىڭ ناھايتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېيىتقان.
گەرچە روسىيە ئوكرائىنادىن يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان بولسىمۇ، بىراق روسىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتىپاقى ۋە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ جىدددىيلىشىشىدەك ئارقا كۆرۈنىشىدە،روسىيە ياۋرۇپا ئىتىپاقى بىلەن تۈركىيە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلدى.بۈگۈنكى كۈندە ئۇكرائىنادىنمۇ يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلدى، بۇ روسىيەنىڭ مەملىكەت ئىچىدە يىمەكلىك بىلەن تەمىنلەش ۋەزىيتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۋېتىدۇ.
2014-يىلى مارتتىن باشلاپ، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى روسىيەنى ئىقتىسادى جەھەتتىن جازالىدى.بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن،روسىيە2014- ئاۋغۇستتىن باشلاپ ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەردىن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى،يىمەكلىك ۋە خام ماتېرياللارنى ئىمپورت قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلدى.ياۋرۇپا ئىتىپاقى روسىيەنىڭ مۇھىم سودا شېرىكى،ياۋرۇپا ئىتىپاقى بىلەن بولغان سودا سوممىسى روسىيە تاشقى سودىسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.روسىيە ياۋرۇپا ئىتىپاقىدىن يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلغاندىن كىيىن،تۈركىيە بىر مەزگىل روسىيەنى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىن دۆلەتكە ئايلاندى،روسىيەنىڭ كۆپلىگەن بازارلىرىغا تۈركىيەدىن كىرگۈزۈلگەن مېۋە ۋە كۆكتاتلار سېلىندى.بىراق بۇ 24- نويابىر تۈركىيە تۈركىيە- سۈرىيە چىگراسىدا روسىيەنىڭ بىر ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى، شۇنىڭدىن كىيىن روسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىىيلەشتى.مېدېۋېۋ1-دىكابىر ھۆكۈمەت بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ،كىلەر يىكى 1- يانۋاردىن باشلاپ ، تۈركىيەدىن كۆكتات، مېۋە ،ئۆي قۇشلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىشتەك بىر قاتار جازالاش تەدبىرىنى قولغا قويدى.
روسىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كۆپ قېتىم غەرب ئەللىرىنىڭ جازالىشى روسىيەنىڭ ئىقتىسادىغا كىرزىس خاراكتىرلىك تەسىرلەرنى پەيدا قىلمىغانقىنى بىراق روبلىنىڭ پاخاللىشى روسىيە ئائىلىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ھەقىقەتەن تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى دېگەن.
جوڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان مىۋە كۆكتات قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بولۇپمۇ روسىيەنىڭ يىراق شەرق رايۇنىدا كەڭ ئىھتىياجغا ئىگە.مۇخبىر روسىيەنىڭ يىراق شەرق رايۇنىدىكى ۋىلاىۋوستوك قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى كۆپلىگەن تاللا بازارلىرىدا جوڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان مېۋە،كۆكتاتلارنىڭ بارلىقىنى،باھاسىنىڭمۇ ئەرزان ئىكەنلىكىنى،روسىيە پۇقرالىرىنىڭ قارشى ئېلىشغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگەن.
روسىيە يىراق شەرق فېدېراتسىيە ئونۋېرسىتىتى ئىقتىسات فاكۇلتىتىنىڭ مۇئاۋىن دوتسىنتى ئاندىرى كوسوف مۇنداق دىگەن:<روسىيە ياۋرۇپا ئەللىرى ئىتىپاقى بىلەن تۈركىيەدىن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلغاندىن كىيىن،جوڭگو روسىيەنى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم دۆلەتكە ئايلاندى.جوڭگو بىلەن روسىيەنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنىنىڭ يېقىن بولىشى ياخشى سىياسى مۇناسىۋىتى ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالدى.
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved