گېرمانىيەدىكى ساقچىلار بايانات ئېلان قىلىپ شەنبە كۈنى گېرمانىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى شەھەر لېيپزىگتىكى يېڭى ناتسىست تەشكىلاتى بىلەن ساقچىلارنىڭ توقۇنۇشۇپ قالغانلىقىنى، كۆپلىگەن ساقچىلارنىڭ يارىلانغانلىقى، 20 نەچچە نەپەر نامايىش قىلغۇچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نەچچە يۈز نەپەر سولچىل رادىكال ئۇنسۇر نامايىش قىلىپ كۈچ كۆرسىتىپ، ئوڭچىل يېڭى ناتسىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن يىغىلىش پائالىيىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ سەۋەب بىلەن روبىرو توقۇنۇشۇپ قالغان. ساقچىلار ئەھۋالنى بېسىقتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان. ساقچىلار يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركۈگۈچ ۋە ياش ئاققۇزغۇچى بىلەن ساقچىلارغا تاش ۋە كۆيۈشچان ماددىلارنى ئاتقان غەلىيانچىلارنى تارقاتقان.
ساقچىلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا 69 نەپەر ساقچى يارىلانغان. 50 ساقچى ماشىنىسى زىيانغا ئۇچرىغان. 23 نەپەر يېڭى ناتسىست تەشكىلات ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان. ساقچىلار قانچە نەپەر يېڭى ناتسىست تەشكىلات ئەزاسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved