2015-يلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ، ئىچكى موڭغۇل شىلىنخوتتا «نۇر تۈۋرۈكى» كۆرۈندى
بۇ ئەھۋال تۈنۈگۈن كەچ سائەت توققۇزلاردىن بۈگۈن سەھەرگىچە داۋاملاشقان. كوچا چىراغلىرىنىڭ نۇرلىرى پەلەككە يېتىپ، رەڭدار نۇر تۈۋرۈكلىرىنى ھاسىل قىلدى. بۇ ئەھۋال شەھەر كېچىسىنى چۆچەكلەردىكىدەك تۈسكە كىرگۈزدى. تۈنۈگۈن كېچە ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشىغا پايدلىق شارائىت ھازىرلىغان.
ئىگىلىنىشىچە، «نۇر تۈۋرۈكى» ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدىغان تەبىئەت ھادىسىسى بولۇپ، پەقەت ئىنتايىن سوغۇق كېچىلەردىلا كۆرۈلۈشى مۇمكىنكەن.
ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق، قۇياش پېتىۋاتقان ياكى چىقىۋاتقان پەيتلەردە كىرىستاللار يۈز يۈزىگە چۈشۈش جەريانىدا تەكشلىنىدىكەن. مۇز كىرىستاللىرى قايتۇرغان قۇياش نۇرى ۋىرتىكال شەكلىدە بولغاچقا، «نۇر تۈۋرۈكى» بولۇپ كۆرۈنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved