جۇڭ شىن تورىنىڭ 27 -چىسىلادىكى خەۋىرى، سىنگاپور بىرلەشمىسىنىڭ 27-چىسىلادىكى (بۈگۈن) خەۋىرىدىن قارىغاندا، ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبىدىن ،مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن MH370 يۇلۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ قالدۇق پارچىسىنى ۋە قارا ساندۇقنى ئىزدەش ،تارىختىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ، ئەڭ قىيىن ۋەزىپىگە ئايلانغان.
ھىندى ئوكياننىڭ سۇ كۆلىمىنىڭ كەڭرى بۇلۇش سەۋەبىدىن باشقا ، دېڭىز دولقۇنى، ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشى ، ئوكياننىڭ يەر شەكلىنىڭ مۇرەككەپ بۇلىشى ، ئوكياندا دېڭىز تېگى يانار تېغىنىڭ بۇلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تەكشۈرۈش ،ئىزدەش خىزمىتىنى تېخىمۇ قىينلاشتۇرغان.
ئېيتىلىشىچە، ئايروپىلان ۋەقەگە يۇلۇققان ئورۇننىڭ غەرىپ شامىلى بەلبېغىغا توغرا كېلىدىغانلىقى ، بۇ ئورۇننىڭ ھاۋا كېلىماتى بەكلا ناچارلىقى ، داۋاملىق بوران ۋە دولقۇن بولىدىغانلىقى، بۇنداق شارائىتتا ئىزدەش خىزمىتى تېخىمۇ تەسكە چۈشىدىغانلىقى ئېنىقلانغان.
بۇنىڭدىن سىرىت ، خەۋەر قىلىنىشىچە، لۇمۇسكۇ ئۇنۋېرستىنىنىڭ دېڭىز ئاستى گېئولوگىيىسى مۇتەخەسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانى ۋەقەگە ئۇچرىغان جاي دەل بىر دېڭىز تېگى يانار تاغ پارتىلاش رايونىغا توغرا كېلىدىكەن، بۇ يەرنىڭ دېڭىز يەر شەكلى تولىمۇ مۇرەككەپ بۇلۇپ ، ئىلگىرى بۇ يەرنى تەپسىلى تەكشۈرۈشكە ھېچكىم پېتىنالمىغان، ئەگەر يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى تاپماقچى بولسا، بۇ يەرنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك سزىما چېرتيوژىنى تەييارلاپ ، تېخىمۇ كۆپ ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىنى ئىشقا سېلىشى كېرەككەن. نۆۋەتتىكى تەكشۈرۈلگەن ، ئىزدەلگەن ئوكيان كۆلىمى تەىمىنەن 3000 مېتىرغا يەتتى.
بىراق ئاۋىسترالىيەنىڭ بۇ ئوكيان بۆلىكىنى تەكشۈرۈشكە قابىلىيتى يەتمەيدۇ .سېدنىي ئادەملىرى ھازىر ، ۋاقىت بىلەن قاتتىق بەسلىشىۋاتىدۇ، بەلكىم مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەن يۇلۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا ساندۇقى ئىككى ھەپتىلەر ئەتراپىداسەرىپ بۇلۇپ تۈگىشى مۇمكىن ،ئاندىن بۇ قارا ساندۇق ھېچقانداق سىگنال تارقىتالمايدۇ. مۇتەخەسىسىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھېچقانداق بىر توغرا ئۇچۇر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى ئىزدەپ تېپىش ئەڭ زور قىيىن ۋەزىپە ھېساپلىنىدىكەن.
ئاۋىستىرالىيە قىتئەسىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئىزدەش ئەترىتىنىڭ ھازىر يەنىلا يىرىشىپ ئەڭ كىچىك دائىرلەرنىمۇ قويماي ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك بىر ئىشنى قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى دېدى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved