ئامرىكا ئاخباراتچىلىقى:ئاۋىئاتسىيە تارىخىدىكى ئالتە چوڭ سىرلىق ئىز دىرەكسىز غايىپ بولغان ۋەقە

 

ئۇرۇگۋاي ھاۋا ئارمىيەسى 571 قىتىملىق نۆۋەتچى ئايرۇپىلاندىكى ھايات قالغۇچىلار ھادىسە يۈز بىرىپ ئىككى ئايدىن كىيىن ئاخىرى قۇتقۇزىۋىلىنغان.

 

3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىلان قىلىنغان مۇناسىۋتلىك خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا( ئامرىكا دەۋىر ھەپتىلىك ژورنىلى تور بىتى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋەر ئاپتۇرى:سام فىلزى )

مالايسىيە ئاۋئاتسىيەسى .....قىتىملىق نۆۋەتچى ئايرۇپىلانىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرى ھەممەيلەننىڭ ھەيران قالدۇردى.نۆۋەتتە،ئايرۇپىلان ۋە ئىچىدىكى يولۇچىلارنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.بۇ نۆۋەتچى ئايرۇپىلاندا يولۇچىلار ۋە خىزمەتچى خادىملار بولۇپ 239 ئادەم بار بولۇپ،كۇئالالۇمپۇردىن ئايرىلغاندىن كىيىن زادى نېمە ئىش يۈز بەردى؟ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،كىشىلەرمۇ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى بىلىشكە بەكلا قىزىقىۋاتىدۇ.
گەرچە بىر ئايرۇپىلاننىڭ ھاۋادىن يوقاپ كىتىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بولسىمۇ،لىكىن ئاۋئاتسىيە تارىخىدا يەنە تېخى بىر نەچچە قىتىم خۇددى سىرلىق تىپىشماقتەك يوقاپ كىتىش ھادىسىسى ۋە رادار ئىكرانىدىكى دىلو مىسالى يوقاپ كىتىش ھادىسى يۈز بەرگەن.
تۆۋەندە بىز سىزگە ئالتە دانە سىرى يىشىلگەن ۋە يىشىلمىگەن ئايرۇپىلان يوقاپ كىتىش ھادىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.


فىرانسىيە ئاۋئاتسىيەسى 447-قىتىملىق نۆۋەتچى ئايرۇپىلان:
بۇ رىئودىژانىرودىن پارىژغا ئۇچقان ئايرۇپىلان بولۇپ ،2009-يىلى ئايرۇپىلاننىڭ بېشى ئاتلانتىڭ ئوكيانغا كىرىپ كىتىپ ئايرۇپىلاندىكى 228 نەپەر يولۇچى ۋە خىزمەتچى ھادىسىگە يولۇققان.شۇنداقتىمۇ،قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى توپتوغرا بەش كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ئايرۇپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى بايقىغان ئىدى.تەكشۈرگۈچىلەر بولسا،ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ئايرۇپىلان ھادىسىگە يولۇقۇشنىڭ بەزى سەۋەبىنىڭ بولسا مۇز تۇتۇشتىن كىلىپ چىققان ئاپتۇماتىك ھەيدەش سىسىتىمىسىنىڭ تاقىلىپ قىلىشى ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ چىققان.ھالبۇكى،74 نەپەر يولۇچىنىڭ جەسسىتى تا ھازىرغىچە تىپىلمىغان.


ئامىلىيە ئەرقات
دۇنيادىكى نامى يىراقلارغا تارقىغان ئۆچمەس رىۋايەتلەرنىڭ بىرى بولغان،نامى چىققان ئۇچقۇچى ئامىلىيە ئەرقات 1937-يىلى تۇنجى قىتىملىق ئۇچۇشىدا،" ئىلەيكىتىلا " ناملىق قوش ماتۇرلۇق تاق قاناتلىق ئايرۇپىلاننى ھەيدەپ تىنچ ئوكياندا غايىپ بولغا.كىيىن،گەرچە نەچچە مىليون سەرپ قىلىپ ئىزدىگەن بولسىمۇ ،ئايرۇپىلان توغرىسىدا ھىچقانداق يىپ ئۇچى تاپالمىغان.ھۆكۈمەت 1939-يىلى ئامىلىيەنىڭ بالا-قازاغا يولڭققىنىنى رەسمىي ئىلان قىلغان.




ئۇچار يولۋاس ئاۋئاتسىيەسى 739 قىتىملىق نۆۋەتچى ئايرۇپىلانى:
بۇ 90 دىن ئارتۇق يولۇچى توشۇيدىغان ئامرىكا ھەربىي ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە ئايرۇپىلانى 1962-يىلى گۇئام ئارىلىدىن فىلىپىنغا قاراپ يولغا چىققاندىن ئالاقىنى ئۈچۈپ قويغان.ئۇچقۇچى ھىچقانداق ياردەم تەلەپ قىلىش سىگنالى تارقاتمىغان.كىيىن،ئامرىكا ئارمىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1300 ئادەم ئۆمۇمىي يۈزلۈك ئىزدەش ئىلىپ بارغاب،لىكىن تا ھازىرغىچە ئايرۇپىلان پارچىلىرىنى بايقىمىغان.
لىبىريە بىر پوچتا پاراخوتى كىمە خادىمى،ئايرۇپىلان يوقاپ كەتكەن چاغدا ئاسماندا كۆزنى چاقنىتىدىغان كۈچلۈك نۇرنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغان.بىراق ئامرىكا خەلق ئاۋئاتسىيەسى كىڭەش ئەزالىرى،ئايرۇپىلان ھادىسىگە يولۇقۇشنىڭ سەۋەبىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان.

ئەنگىلىيە جەنۇبىي ئامرىكا ھاۋا قاتنىشى ۋەقەسى:
ئەنگىلىيە جەنۇبىي ئامرىكا ئاۋئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايرۇپىلانى 1947-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئاندىس تاغ تىزمىسىدا غايىپ بولغان.بۇ ۋەقە يۈز بىرىپ 50 يىلدىن كىيىن،كىشىلەر ئاندىن ئايرۇپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى بايقىغان.1998-يىلى،ئىككى نەپەر ئارگىنتىنالىق تىك قىياغا يامىشىش ھەۋەسكارى ۋەقەگە يولۇققان بۇ ئايرۇوىلاننىڭ ماتورىنىڭ قالدۇقلىرىنى بايقىغان،ئارقىدىنلا ھۆكۈمەت يولۇچىلارنىڭ جەسسىتىنى بايقىغان.ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئايرۇپىلان تۇفىڭ جاتو يانار تىغىغا چۈشۈپ كىتىپ قار كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئايرۇپىلان قار ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغاچقا ئىزچىل بايقالمىغان.

بىرمۇدا ئۈچ بۇلۇڭ رايۇنى:
بىرمۇدا تاقىم ئاراللىرى،پوئېرتورىكو ۋە ئامرىكا فىلورىدا شىتاتى ئارىسىدىكى كەڭرى دېڭىز رايونى نامى پۇر كەتكەن " ئالۋاستى ئۈچ بۇلۇڭ" بولۇپ،ئۇنىڭ ئۈستىدە بىر مۇنچە ئايرۇپىلان يوقاپ كىتىش ھادىسىلىرى يۈز بەرگەن.1948-يىلى ۋە 1949-يىلى ،ئىككى دانە ئەنگىلىيە جەنۇبىي ئامرىكا ئاۋئاتسىيە شىركىتنىڭ يولۇچىلار ئايرۇپىلانى بۇ رايۇندا يوقاپ كەتكەن،51 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىز دىرىكى بولمىغان.1945-يىلى،بەش دانە ئامرىكا بومباردىمانچى ئايرۇپىلانى مەشىق ۋەزىپىسى ئۆتۈۋىتىپ بۇ دېڭىز رايۇنىدا يوقاپ كەتكەن.ئارقىدىنلا بىر دانە ھەربىي تەرەپ ئەۋەتكەن 13 ئادەملىك ئىزدىگۈچى ئايرۇپىلانمۇ سىرلىق ھالەتتە يوقاپ كەتكەن.



ئۇرۇگۋاي ھاۋا ئارمىيەسى 571 نۇمۇرلۇق ئايرۇپىلانى:
1972-يىلى،بىر 45نەپەر يولۇچى ۋە خىزمەتچى بار چىلى سانتىياگوغا قاراپ ئۇچقان ئايرۇپىلان ناچار ھاۋا كىلىماتى تۈپەيلى ھاۋا يولىدىن چەتنەپ كىتىپ،ئاندىس تاغ تىزمىلىرىغا سوقۇلۇپ كىتىپ،ئىككى پارچىغا بۆلۈنۈپ كەتكەن.12 ئادەم نەخ مەيداندا ئۆلگەن.قۇتقۇزۇش خادىملىرى بىرەر نەتىجىگە ئىرىشەلمەي قۇتقۇزۇشتىن ۋاز كەچكەن.ھادىسە يۈز بەرگەندىن كىيىن،ھادىسە يۈز بەرگەن ئورۇندا قار كۆچۈش يۈز بىرىپ،ھايات قالغانلار ئىچىدە 8 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان،قالغانلىرى جەسەت يەپ ئاچلىقنى باسقان.ھادىسە يۈز ئىرىپ ئىككى ئايدىن ئاندىن تاساددىپى قۇتقۇزۇشقا ئېرىشكەن.



خەتكۈچلەر:
13-03-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: شنخۈا خەلقئارا خەۋەرلىرى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek