ئامېرىكا كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىمى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈردى

كۆزىتىش تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۇبا دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى قۇشۇمچە مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ رەئىسى رائۇل كاستىيرو يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ئايرىم -ئايرىم سۆز قىلىپ ،ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە كېڭىشىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .


بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى ئامېرىكا بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىدىكى بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى ئالقشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتىپى بان كىمون مۇنداق دېدى :‹ ئامېرىكا بىلەن كۇبا دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېڭىشىنى باشلىشى بولسا بىر ئىلگىرىلەش ،بىز ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ›.


فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىئوس بايانات ئېلان قىلىپ ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېڭەشمەكچى بولغانلىقىنى ئالقىشلىدى ،ئۇ بۇ ئامېرىكا كۇبا مۇناسىۋىتىنى نورماللىشىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،ھەمدە كۇباغا قارىتىلغان سودا ترانسىپورت چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .


چىلى زۇڭتۇڭى باكوتىن ئامېرىكا كۇبا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقى ،ئامېرىكا بىلەن چىلى مۇناسىۋىتىنىڭمۇ تېزدىن ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


كولۇمبىيە زۇڭتۇڭى سانتو سۆز قىلىپ ،ئامېرىكا كۇبا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىشى ھەققىدە قىلغان سۆزى ئامېرىكا قىتئەسى شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن ئۇلۇغ خەۋەر ئىكەنلىكى ،بۇنىڭ ئامېرىكا اقىتئەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىشىكىنى ئېچىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى .


نىگارا گوئا زۇڭتۇڭى ئورتىدا ،ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى موشىكا ،بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسىت ،ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى كىرىستىنا ،ۋېنسوئىلا زۇڭتۇڭى مادرو ۋە يامايكا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ،كوستارىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ،مېكسىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ،ئېكۋاتور دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق كۆپ دۆلەتلەر ،ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە سىياسىي ئەربابلرىمۇ ئايرىم ئايرىم ھالدا كۇبا ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 17-دېكابىر چۈشتىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېۋىزىيە سۆزى قىلىپ، كۇبانى ئۇزۇن مۇددەت يېتىم قالدۇرۇش، قامال قىلىش، ئىمبارگو يۈرگۈزۈشتەك دۈشمەنلىشىش سىياسىتىنى توختىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ نورمال مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەم ئامېرىكا قىتئەسى دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى باشلايدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز جاكارلىدى.

 

بۇ ئالاھىدە تەدبىر-ئامېرىكا بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىدە يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى مۇھىم بۇرۇلۇش بولۇپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپ تەرەپتىن ئويلاشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئامېرىكا ئاممىسى ھەم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، لېكىن بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قارشىلىقىغىمۇ ئۇچرىدى.


كۇبا بىلەن ئامېرىكىنى بىرلا ئېقىن ئايرىپ تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ ئارال دۆلىتىنىڭ شىمالدا ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىغا بولغان ئارىلىقى ئاران 90 دېڭىز مىلى كېلىدۇ، كولومبو يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇق سەپىرىدە ئەڭ بالدۇر يېتىپ بارغان جايلارنىڭ بىرى ئىدى. لېكىن 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىك بىپايان دېڭىز-ئوكياننىڭ دەھشەتلىك دولقۇنىغا ئوخشاش بولۇپ، مۇرەككەپ تارىخىي مۇناسىۋەت ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى.

 

1959-يىلىدىن بۇرۇن، كۇبادىكى ئىستىبدات ھۆكۈمران باتىستا ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ كارىب رايونىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئىتتىپاقدىشى دەپ قارالغان ئىدى. 1959-يىلى كاستىرو كۇبا ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىپ، باتىستا ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، دۆلەت ئىچىدە يەر ئىسلاھاتى ھەم دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى، ئامېرىكا كۇباغا سودا چەكلىمىسى ۋە نېفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.

 

1961-يىلى ئامېرىكا كۇبا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، كۇباغا قارىتىلغان يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە قامىلى ۋە سودا ئىمبارگوسىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى كاستىرو ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرماقچى بولۇپ ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى سەۋەبىدىن 3-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشقا تاس قالغان ئىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، توررىچېللى قانۇنى، ھېلمىس-بۇرتون قانۇنىنى يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنى قانۇن جەەھتتىن دۈشمەنلىك ئورنىغا قويۇپ قويدى.

 

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ئىلگىرىكى سىياسەتلەرنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى، كۇبادا دېموكراتىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى سىياسەت قوللىنىش كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئوباما تەكىتلەپ، تېخىمۇ قويۇق ئالاقىنىڭ كۇبانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، كۇبانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھالىتىنى ياخشىلاشقا پايدىسى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

 

تاراتقۇلارنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا، ئوبامامۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆتكەن 6 يىلدا سىرتتىكىلەرگە بەرگەن يۇمشاق ئوبرازىنى ئۆزگەرتىپ، سىياسىي مىراس قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئوباما ئىلگىرىكى دائىم ئىككىلىنىدىغان ھالىتىنى تاشلاپ، كەسكىنلىكىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىكەتلەرنى قوللاندى، يەنى كۆچمەنلەر مەسىلىدە قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىپ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن تىركەشتى، جۇڭگو بىلەن كېلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە مۇھىم كېلىشىم ھاسىل قىلدى، تور دۇنياسىدا بىتەرەپ بولۇشنى قەتئىي قوللىدى، ھەمدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى.

 

ئامېرىكىنىڭ ئەمەلدارى تەكىتلەپ: بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، دېدى. 34 ئەزاسى بولغان ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتى جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تەشكىلات، لېكىن بۇ تەشكىلات ئامېرىكىنىڭ يېتەكچىلىدە 1962-يىلى كۇبانىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىدى. لېكىن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قوللانغان سىياسىتىنى ئەيىبلەپ كەلدى، بولۇپمۇ 2012-يىلىدىكى كارتاگېنا ئامېرىكا قىتئەسى ئەللىرى تەشكىلاتى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا ئامېرىكا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ئامېرىكىنىڭ كۇباغا قوللانغان سىياسىتىنى ئەيىبلىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ئۇدا 22 يىل قارار ماقۇللىنىپ، ئامېرىكىدىن كۇباغا بولغان چەكلىمىسىنى بېكار قىلىش تەلەپ قىلىندى.ئىككىنچىدىن، ئوباما بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق 2016-يىلدىكى ئامېرىكا سايلىمى ئۈچۈن يول سالماقچى.

 

كۇبا كۆچمەنلىرى سىياسىيدا ئىنتايىن جانلىق، 2 مىليونغا بارمايدىغان كۇبالىقلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى بەلگىلىيەلەيدىغان ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ھېسابلىندۇ. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ، سايلىغۇچىلار كۆپ ئەمما سايلاش خاھىشى ئېنىق بولمىغان فىلورىدا ئىشتاتىدا، كۇبالىقلارنىڭ ئەۋالادىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلار ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، 2016-يىلى ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ، دېدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇبالىقلارنىڭ ئەۋالادىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتى ناچارلىشىپ كەتتى، ئوباما بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقچى، مەلۇم دەرىجىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى بىلدۈرمەكچى.لېكىن ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز ھۇجۇمى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قايتۇرما زەربىسىگە سەۋەب بولدى.

 

2016-يىلدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى، كۇبالىقلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان مارك رۇبىئو مۇنداق دېدى: ئوبامانىڭ بۇ قېتىم سىياسەت ئۆزگەرتىشى پەرەز ۋە يالغانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئوباما تېخىمۇ كۆپ سودا پائالىيەتلىرى ۋە تېخىمۇ ياخشى ئىقتىسادىي ماددىي شارائىت ئارقىلىق كۇبانىڭ تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى كاستېرو ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشىگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتى ساددىلىقتىن نادانلىققا ئۆزگىرىپ كەتتى، بۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئاساسى بولغان ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىنى قوغدىغانلىقى بولماستىن بەلكى زالىمغا يەنە بىر قېتىم يول قويغانلىق.

 

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :leglek



خەتكۈچلەر:
21-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek