ئۆتكەن يىلى ئاشكارىلانغان ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مىركىلنىڭ يانفونىنى ئوغرىلۇقچە ئاڭلاش ۋەقەسى تېخىچە بېسىقمىدى. يېقىندا گېرمانىيە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بىر خادىمىنىڭ ئامېرىكىنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلەشكە چېتىلىدىغانلىقى پاش بولدى. گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4-ئىيۇل بۇ ئىش توغرىسىدا ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىيموسۇننى چاقىرتتى. گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى سىتەيمىل ئىيموسۇندىن بۇ ئىشنى تېزدىن ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى.
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 31 ياشقا كىرگەن گېرمانىيەلىك بۇ ياش گۇماندار قولغا ئىلىندى. بۇ كىشى ئۆزىنىڭ 2012-يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنى گېرمانىيە پارلامېنت كومىتېتىنىڭ ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ گېرمانىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved