لەگلەك تورى تەرجمسى ياۋروپا خەۋەر تورىنىڭ خەۋەر قىلشىچە ، ئىتالىيەلىك بىر ئەر قاتناش ۋەقەسگە ئۇچىراپ يۈرىكى توختاپ قالغان ، ئەسلىدە بۇ ئەرنىڭ يۈرىكى سول تەرەپتىن ئوڭغا ئۆتۈپ قالغانلىقتىن ، دوختۇرلار دەماللىققا يۈرەك سوقۇشىنى ئاڭلىيالمغان ، ئۇنىڭ كۆكرىكىدىكى ھاۋانى ھەيدەپ چىقارغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ يۈرىكى ئەسلى ئورنىغا قايتىپ كەلگەن . ئالىملار بۇنى بىر مۆجىزە دەپ ئېيتقان .
بۇ 48 ياشلىق ئەر قاتناش ۋەقەسگە ئۇچىرىغاندىن كېيىن تېزدىن دوختۇرخاناغا ئېلىپ بېرىلغان ، ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن يۈرەك سوقۇشى يوق ئىكەن ، بۇ ئەھۋال دوختۇرلارنى ناھايىتى ھەيران قالغان ، ئۇنىڭغا X نۇرغا چۈشۈرگەن ، ئانىدىن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ ئوڭغا ئۆتۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان . بۇ ئىشقا ئىتالىيە پادوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەسئۇل بولۇپ ، " تىببىي گېزىت " ئېلان قىلىغان .
بۇ ئەر قاتناش ۋەقەسىدە كۆپ يېرى يارلانغان . بۇ ئىشقا قاتناشىمغان ئامىرىكىلىق يۈرەك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ پەرەز قىلشىچە ، ئۆپكىدىكى ھاۋا چىقىپ ، يۈرەكنىڭ يۆتكىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن . شۇڭلاشقا دوختۇرلار ھاۋانى چىقارغاندىن كېيىن ، ئانىدىن يۈرەك ئورنىغا قايىتىپ كەلگەن .
ئالىملارنىڭ كۆرسىتىشچە ، بۇنىداق ئەھۋال ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ، ئادەمنى ئەڭ ھەيران قالىدۇردىغىنى بۇ ئەر ئېغىر يارلانغان بولسىمۇ ناھايتى سەگەك ئىكەن . پەقەت يۈرەك سوقۇشى بىلەن قان بېسىمى تۆۋەن ئىكەن . ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭ يۈرىكى ناھايىتى نۇرمال ئىكەن ، ھاياتى خەتەردىن ئۆتۈپ كەتكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved