ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمى كۆپىيىپ، تىنچلىق مۇساپىسى ئاستىلاپ قالدى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇل شەھىرى مەركىزىدە 26-ماي كېچىدىن 27-ماي سەھەرگىچە شىددەتلىك جەڭ بولدى، تۆت قوراللىق ئۇنسۇر ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، پۇقرالار ۋە ھەربىي-ساقچىلاردىن ئۆلۈم-يېتىم بولمىدى. تالىبان بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تالىبان بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئەتىيازلىق ھۇجۇمنى باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، كابۇلدا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى، بۇ ئافغانىستان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقى، تىنچلىق مۇساپىسىدا توسالغۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تولۇق كۆرسەتتى.
ئىگىلىنىشىچە، تۆت تالىبان قوراللىق خادىمى بۇ رايوندىكى بىر مېھمانخانىغا ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ھۇجۇم يۈز بەرگەندە، ئاز دېگەندە 150 چەتئەللىك بۇ مېھمانخانىدا تۇرۇۋاتقان ئىكەن.
ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئافغانىستاندىكى باشقا جايلارغا قارىغاندا ياخشىراق، ئەمما يېقىندىن بۇيان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپىيىپ قالدى.
13-ماي، كابۇلدىكى بىر مېھمانخانا تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، توققۇز كىشى قازا قىلدى، ئالتە كىشى يارىلاندى. 16-ماي، كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى كىشى يارىلاندى. كابۇل ئايرودۇرۇمىغا يېقىن ئەتراپتا 17-ماي ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە ئۈچ كىشى قازا قىلدى، 18 كىشى يارىلاندى. 19-ماي كابۇلدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ھۇجۇم قىلغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشى قازا قىلدى، 24 كىشى يارىلاندى. 24-ئاپرېل، تالىبان قوراللىقلىرى تور بېكىتىدە ئەتىيازلىق ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرى، چەتئەل ئاپپاراتلىرى ۋە چەتئەل ھەربىي ئەسلىھەلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى. تالىبان مۇنداق دېدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئاياغلاشتۇرغانلىقى ھەمدە قوشۇن چېكىندۈرگەنلىكى تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ باسقۇچلۇق غەلىبىسى، بىز ئافغانىستاندىكى بارلىق چەتئەل ئەسكەرلىرى چىقىپ كەتكۈچە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
كۆزەتكۈچى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى خەلقئارالىق ياردەم قىسمى چېكىنگەندىن كېيىن تالىبان قوزغىغان تۇنجى ئەتىيازلىق ھۇجۇم، ئەمما ھازىر تالىباننىڭ ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتتى، ھەقىقىي مەنىدىكى زور كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاش ياكى شەھەر-بازارلارنى ئىگىلىۋېلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ، شۇڭا يەنىلا پارچە-پۇرات ھۇجۇملارنى قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئەتىيازلىق ھۇجۇمى بىلەن چوڭ پەرقى يوق.
ئافغانىستاندىكى سىياسىي تەھلىلچى دانىش چوھ مۇنداق دېدى: تالىبان قايتا-قايتا ھۇجۇم قوزغاپ، ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىشقا، ئاممىدا ھۆكۈمەتنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى يوق، دېگەن تەسىرنى كۈچەيتىشكە، بۇ ئارقىلىق ئاممىنى تالىبان قوينىغا تارتىشقا ئۇرۇندى.

2014-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا بىخەتەرلىك ياردىمى قىسمى ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە بىخەتەرلىك مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، مەشىق ۋەزىپىسىنى تاماملىشى ئۈچۈن قىسمەن خادىملىرىنىلا قالدۇرۇپ قويدى. لېكىن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارى بار يوقلىقىدىن نۇرغۇن كىشى گۇمانلانغان.
دانىشىچوھ مۇنداق دەپ قارىدى: ئافغانىستان ھەربىي ساقچىلىرىنىڭ مول تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىسى بار، ئۇلار تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا دەرھال ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. لېكىن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە يەنە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ئالدىن يىپ ئۇچىغا ئېرىشىپ، تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئافغانىستانلىق يەرلىك سىياسىي تەھلىلچى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھەقىقىي مەنىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدىكى ھەر خىل كۈچلەرنى ياراشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن ھازىرقى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، تىنچلىق سۆھبىتىدە توسالغۇلار ئاز ئەمەس، تالىباننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى قاتتىق قوللار ھۆكۈمەت بىلەن يارىشىشنى خالىمايدۇ.
بۇ يىل ئاپرېلدا ئافغانىستان يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ھۆكۈمەت تالىبان بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ھەمدە چەتئەللەردە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. تالىبان ئارقىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا بۇنى ئىنكار قىلىپ: ھۆكۈمەت بىلەن ياراشمايمىز دېدى.
ئافغانىستاننىڭ سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى، سىياسىي تەھلىلچى سەيىد راھىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ئىچىنىڭ تىنچلىقى ۋە يارىشىش مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئاستا، بۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە چەتئەل قىسىملىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشىغا موھتاج، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە تايىنىش بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.



خەتكۈچلەر:
01-06-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek