تۈركىيە پارلامېنتى 2-ئۆكتەبىر بىر تۈرلۈك قارار ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈپ سۇرىيە بىلەن ئىراقتا جانلىنىۋاتقان تېررورچى تەشكىلاتقا زەربە بېرىش ھوقۇقى بەردى. تۈركىيە پارلامېنتى شۇ كۈنى 298 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 98 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشىدەك نەتىجە بىلەن ھۆكۈمەت سۇنغان بۇ لايىھەنى ماقۇللىدى.
بۇ قارارغا ئاساسەن، تۈركىيە ئارمىيەسى چېگرىدىن ئۆتۈپ تېررورچى تەشكىلاتلارغا بىر يىل زەربە بېرىدۇ. قاراردا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى قۇراللىق كۈچلىرى يەنىلا ئىراقنىڭ شىمالىيدا ھەرىكەت قىلماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇرىيەدىكى باشقا تېررورچىلارنىڭ سانىمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە، ئۇلار ئىراققا ئېغىر تەھدىت يەتكۈزدى.
ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا تۈركىيە چەتئەللەرنىڭ چېگرىدىن ھالقىپ تېررورچى تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشكە يول قويىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved