كانادانىڭ چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئەھۋالى قانداق؟

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كانادادىكى سىياسىيونلارنىڭ چېرىكلىك سەتچىلىكى ئۈزۈلمىدى، جامائەت پىكىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشى بىلەن بىر ئۆلكە باشلىقى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى، ئۈچ پارلامېنت ئەزاسى خىزمەتتىن توختىتىلدى، بۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.


بۇ يىل 3-ئايدا ئالبىرتا ئۆلكىسىنىڭ ناھايىتى تەجرىبىلىك ئايال ئۆلكە باشلىقى خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. سەۋەبى- ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ماندىلانىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، ئايروپىلاننىڭ باش بۆلمەسىدە ئولتۇرۇش ئۈچۈن، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ 45مىڭ كانادا دوللىرىنى سەرپ قىلغانىدى، جامائەت پىكىرى ۋە پارتىيەنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى بىلەن خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالدى. يېقىندا ئۇنىڭ ئامانلىقنى ساقلاش ھەققىنىڭ ئوخشاشلا نورمىدىن ئېشىپ، مىليون كانادا دوللىرىغا يەتكەنلىكى پاش بولدى. كانادا «مەملىكەتلىك پوچتا گېزىتى»دە ئەينى ۋاقىتتا بۇ دېلو توغرىسىدا «ئالبىرتا ئۆلكىسىنىڭ «ئايروپىلان باش بۆلمەسى»دىكى ئايال ئۆلكە باشلىقى» دېگەن تېمىدا باش ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئەمەلدارلارنىڭ چېرىكلىشىش قىلمىشىغا قىلچىمۇ يول قويمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
ئەمەلىيەتتە بىر يىلدىن كۆپ ۋاقىتتىن بۇيان، زۇڭلى خارپىر رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت پارلامېنت سەتچىلىكىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىدى، كىشىلەر بۇنى كانادانىڭ يورۇق بىنا ۋەقەسى سەتچىلىكى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. سەتچىلىكنىڭ سەۋەبى- خارپىر ئۆزى تەيىنلىگەن ئۈچ پارلامېنت ئەزاسى تۇرالغۇ ئۆي ۋە كاماندىروپكا تولۇقلىمىسىنى ئاتچوت قىلىشتا ئالدامچىلىق قىلغانىدى.


بۇ ئىش 2012-يىلنىڭ ئاخىرى دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا خەۋەر قىلىنىپ، دافىي ئىسىملىك بىر كېڭەش پالاتاسى ئەزاسىنىڭ تۇرالغۇ تولۇقلىمىسىدا ئالدامچىلىق قىلغانلىقى پاش بولدى. كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت چىقىمىنى ئاشكارىلاش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەگەر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۇرالغۇسى پايتەخت ئوتتاۋۇدىن 100 كىلومتىر يىراق بولسا، 22مىڭ كانادا دوللىرى تۇرالغۇ تولۇقلىمىسى ئالسا بولىدۇ ھەمدە ھەر ھەپتىدە بارغان كەلگەن كاماندىروپكا ھەققىنى ئاتچوت قىلسا بولىدۇ.


دافىي 2008-يىلى خارپىر تەرىپىدىن كېڭەش پالاتا ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇنىڭ يۇرتى ئىدۋارد شاھزادە ئارىلى ئۆلكىسىدە ئىدى، بىراق ئۇنىڭ ئوتتاۋۇدىمۇ تۇرالغۇسى بار بولۇپ، يېرىمدىن كۆپرەك ۋاقىتتا پايتەختتە تۇرىدۇ. ئەمما يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان دافى ئىزچىل شاھزادە ئىدۋارد ئارىلىدا تۇرۇۋاتىمەن دەپ مەلۇم قىلىپ كەلدى ھەمدە مۇشۇ سەۋەبلىك 90مىڭ كانادا دوللىرىدىن ئارتۇق تۇرالغۇ تولۇقلىمىسى ئالدى. ئۇنىڭ ئالدامچىلىق قىلمىشى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دافى دەسلەپتە خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلمىدى، جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئوبرازىنى قوغداش ئۈچۈن دافىيغا بېسىم ئىشلەتتى. ئەمما بۇ پارلامېنت ئەزاسى يەنىلا مەردانىلىق بىلەن پۇلنى قايتۇرۇشنى خالىمىدى. پارتىيە سەتچىلىكنى يېپىش ئۈچۈن، خارپىر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋايت شەخسى ھېساۋاتىدىن دافىيغا 90مىڭ كانادا دوللىرى پۇل چېكى كېسىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىنى قايتۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئىش تاراتقۇلاردا پاش قىلىنغاندىن كېيىن، ئەمەلدارلارنىڭ پار ئېلىشىنىڭ كەينىدە قانداق سودىنىڭ بارلىقىنى شۇنداقلا خارپىرنىڭ بۇ ئىشنى بىلىش-بىلمەسلىكىنى سۈرۈشتە قىلىش باشلاندى. جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ۋايت خىزمىتىدىن ئايرىلدى، دافىيمۇ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن چېكىندۈرۈلدى.

 

يەنە بىرسىنىمۇ خارپىر ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ۋولىن، ئۇ ساسكوچىۋىن ئۆلكىسىدىن بولۇپ، كاماندىروپكا ھەققىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكى بايقالدى. ئىقتىسادى تەپتىش قىلىشتا ئۇنىڭ كاماندىروپكا ھەققىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئوتتاۋا بىلەن ئۇنىڭ يۇرتى ئوتتۇرسىدىكى بېرىپ كېلىش ئەمەسلىكى بايقالدى، كۆپىنچىسى تورونتۇنى مەركەز قىلغانىدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تورونتۇدا ئۇنىڭ تۇرالغۇسىنىڭ بارلىقى ئېنىقلاندى. ئۇ ئاتچوت قىلغان 300نەچچە مىڭ كانادا دوللىرىنىڭ كۆپىنچىسى شەخسى ساياھەت ياكى ئۇ قۇشۇمچە ئىشلەۋاتقان شىركەت پائالىيىتى ھەققى ئىدى. ئارقىدىن ۋولىن 150مىڭ كانادا دوللىرىنى قايتۇردى، قالغان پۇلنى قايتۇرۇشنى رەت قىلدى. ئەمما ئەڭ ئاخىرى بېسىم سەۋەبىدىن ئۇمۇ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن چېكىندى.


3- كېڭەش پالاتا ئەزاسى بۇراچىئوۋ ئىدى. تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، ئىزچىل ئوتتاۋا بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان كادىنودا ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرالغۇسىنى ساختا مەلۇم قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن 50مىڭ كانادا دوللىرى نامۇۋاپىق ھەققە ئېرىشكەنىدى.


كانادا ئاممىسى ئەسلىدىنلا سايلامسىز ۋۇجۇدقا كەلگەن كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن نارازى بولىۋاتقان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ تولۇقلىما پۇلنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قىلمىشى بۇنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى. ئەلرايى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، %49 زىيارەت قىلىنغۇچى كانادا كېڭەش پالاتاسىنى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك، دەپ قارىغان، %41كىشى كېڭەش پالاتاسىنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. خارپىر ھۆكۈمىتى مۇشۇ سەۋەبلىك غايەت زور ئەلرايى بېسىمى ۋە ئېشىنىش كىرزىسىگە دۇچ كەلدى. قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن، خارپىرنىڭ تۈرتكىسىدە كېڭەش پالاتاسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، يۇقىرىقى ئۈچ كىشىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدىكى سالاھىيىتىنى ئىككى يىل توختىتىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساقچىلارمۇ بۇ ئۈچ كىشىنى جىنايى ئىشلار بويىچە تەكشۈرۈشنى بەلگىلىدى ھەمدە ھەممە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئاتچوت تۈرىنى تەپتىش قىلىشنى قارار قىلدى.



خەتكۈچلەر:
08-07-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
     30-ئاپرېل، ئىران ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ تولۇقلىما سايلىمىنىڭ بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىسلاھاتچىلار روشەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ...
02-05-2016
     رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقنىڭ بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-ماي ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ساماۋا شەھىرىدە ئىككى قېتىم تېرورلۇق پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈزبېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 38 گ...
02-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيە تاراتقۇسى بولغان «دەۋر گېزىتى» ۋە دۇنيا ئاخبارات ئاگېنتلىقى (Cihan) دىكى 400 مۇخبىر «خىزمەتتە خاتالىق سادىر قىلىش»، «شىركەت ئوبرازىغا تەس...
02-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، مالايسىيا كۇئالالۇمپۇر، مالايسىيا خەلقى 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا يىغىلىپ ئىشچىلارنىڭ ئاساسىي مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مالايسىيا باش مىنىستىرى نەجىبنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. ...
02-05-2016
يەمەن ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى شېيىخ ئەخمەدكە قۇسەي قوراللىقلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن، يەمەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۇۋەيت تىنچل...
02-05-2016
    ئىران پرېزىدېنتى روھانىينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گيۇنھى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ ئىراندىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ 1962-يىلى ئىككى دۆلەت دىپ...
02-05-2016
    ياپونىيە مېدىيەلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 30-ئاپرېل بېيجىڭ دىياۋيۈتەيدە زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا سۆھبەتلەشكەن، فۇمىئو كىشى...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك سىياسى سوئال-جاۋابلىق ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئىندىياننا شىتاتىدا 3- ئاپرېل مۇھىم نامى ئاتى...
02-05-2016
    «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 29- ئاپرېل ئىرۇسالىمدا «جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە ھەيئىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى»غا رىياسەتچىلىك قىلغان ب...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتى كوتلاندىكى بىر قاقاس بازارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيادىن كەلگەن ئىمپورت ماللار كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، بۇ بازاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سودىسى ئېغىر زەربىگە ...
Powered by Leglek