قىشتا يۈرەك-مېڭە قان تومۇر، زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ قوزغىلىدۇ. ياشانغانلار ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالسا، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى چاقىرتقاندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىدەك جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك: 1. تۇيۇقسىز يۈرەك كېسلى قوزغىلىپ قالغان بىمارنى يۆتكەشكە بولمايدۇ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى كېلىشتىن ئىلگىرى بىمارنى قالايمىقان مىدىرلىتىشقا بولمايدۇ، ناۋادا شارائىت بولسا ئوكسېگىن سۈمۈرتۈش كېرەك. ئۇنڭىدىن باشقا، تىلىنىڭ ئاستىغا بىر تال نىترات كىسلاتا گىلىتسېرىننى قويۇش لازىم، بۇنىڭ ئادەتتە يېرىم سېكۇنتتىن بىر مىنۇتقىچە ئۈنۈمى بولىدۇ.
2. يۇقىرى قان بېسىم بىمارىنىڭ كېسلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالسا، مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىمارنى يانچە ياتقۇزغاندىن كېيىن مىدىرلاتماسلىق، ياندۇرغان نەرسىلەرنىڭ نەپەس يولىنى توسۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دورا ۋە سۇ بەرمەسلىك كېرەك.
3. مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسىلى تويۇقسىز قوزغالغاندا، كېسەل قوزغالغاندىن كېيىنكى ئالتە سائەت ئىنتايىن مۇھىم.بۇ پەيتنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ، چۈنكى مېڭە توقۇلمىسى ئۇزاققىچە قان يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك شامالدارىپ قىلىشنىڭ تۈرلۈك ئەگەشمە كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا بىمارنىڭ گېپى ئېنىق بولماي، قول-پۇتى تارتىشىپ قالسا، تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، مېڭىگە قان چۈشكەن-چۈشمىگەنلىكىنى ئېنىقلاش كېرەك، قۇتقۇزغۇچى خادىملار كېلىشتىن ئىلگىرى بىمارنى تۈز ياتقۇزۇش، بېشىغا ياستۇق قويماسلىق كېرەك.
4. زىققا كېسلى قوزغالغاندا، پۈركۈش دورىسىنى ئىشلەتكەندىن باشقا يەنە زوڭزىيىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئوكسىگېن سۈمۈرتۈش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئىككى پۇتىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغۇزۇش، بىمارنى يۆتكىگەندە يۈدمەسلىك كېرەك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved