گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 10-ئىيۇل سەھەردە ئىسپاتلىشىچە، گىرېتسىيە ھەقدارلارغا ئۈچ يىللىق قەرز كىرزىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېلىشىم لايىھەسىنى سۇنغان، ھەقدارلاردىن بۇ مەزگىلدە 53 مىليارد 500 مىليون ياۋرو قۇتقۇزۇش مەبلىغى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابى مۇنداق دېدى: بۇ لايىھە 9-ئىيۇل كەچتە ھەقدارلار ۋە ۋە گىرېتسىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلدى. ياۋرو گۇرۇھىنىڭ رەئىسى دەيسەيېربلومنىڭ باياناتچىسى بۇ ھۆججەتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. گىرېتسىيە پارلامېنتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە 10-ئىيۇل بۇ لايىھە مۇزاكىرە قىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر لايىھەگە ئاساسەن، ھەقدارلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ھوقۇق بېرىش بەرمەسلىك قارار قىلىنىدىكەن. سۆھبەت تاماملانغاندىن كېيىن، ئاخىرقى كېلىشىم گرىتسىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved