شى جىنپىڭ مالدىۋې زۇڭتۇڭى يامىڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-سېنتەبىر مالېدا مالدىۋې زۇڭتۇڭى يامىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىزغىن ، دوستانە كەيپىياتتا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، جۇڭگو بىلەن مالدىۋېنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئومۇميۈزلۈك دوستانە ھەمكارلىق ، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى

 


شىنخۇا تورى ، مالې ، 15-سېنتەبىر تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-سېنتەبىر مالېدا مالدىۋې زۇڭتۇڭى يامىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى .ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىزغىن ، دوستانە كەيپىياتتا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، جۇڭگو بىلەن مالدىۋېنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئومۇميۈزلۈك دوستانە ھەمكارلىق ، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى .


سۆھبەتتىن ئىلگىرى ، يامىڭ جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا شى جىنپىڭنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . شى جىنىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن كېمىگە ئولتۇرۇپ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق مالې ئارىلى 1-نومۇرلۇق پىرىستانىغا كېلىپ ، زۇڭتۇڭ يامىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى .


قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى . يامىڭ يەنە بىر قېتىم شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . يامىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : مەن بىر ئاي ئىلگىرى جۇڭگودا نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تولىمۇ ياخشى سۆھبەتتە بولغانىدىم .مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بالدۇرراق مالدىۋېدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانىدىم ، سىز تەكلىپىمنى قوبۇل قىلىپ ، ناھايىتى تېزلا سەپەرگە ئاتلاندىڭىز ، مالدىۋې خەلقى بۇنىڭدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىدۇ . مەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭىزنىڭ مالدىۋې-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى ، جۇڭگو-مالدىۋې ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدىلا ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تولىمۇ يېقىنلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى . بىز نەنجىڭدا ياخشى سۆھبەتلەردە بولغانىدۇق . بۇ قېتىم مەن سىز بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ، بولۇپمۇ 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، ئاكتىپ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن .


شى جىنىپڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى ، جۇڭگو بىلەن مالدىۋېنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ، ھېچقانداق قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇ مەۋجۇت ئەمەس ، پەقەت دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز . جۇڭگو تەرەپ مالدىۋې تەرەپنىڭ مۇستەقىللىق ، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ، مالدىۋې خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان سىياسىي تۈزۈلمىسى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ . يېڭى ۋەزىيەتتە ، جۇڭگو تەرەپ مالدىۋې تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، جۇڭگو بىلەن مالدىۋېنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئومۇميۈزلۈك دوستانە ھەمكارلىق ، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ .



خەتكۈچلەر:
17-09-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
     5-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىشىلەر ئېرۇسالىمدىكى بىن دېيۋىد سوراق قىلىنغان سوت مەھكىمىسى سىرتىدا تۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈردى. 3-ماي، ئېرۇسالىم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمدا پەلەستىنلىك ئۆسمۈر خۇدايىرنى قەس...
04-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
04-05-2016
    ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ-6 پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، تۆت ئاساسلىق سىياسى پارتىيە ئارىسىدىكى قاتمال سىياسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى تارقىتىۋ...
04-05-2016
    ياپونىيە 3-ماي تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى، شۇ كۈنى 50 مىڭ ياپونىيە شەھەر ئاھالىسى توكيوغا يىغىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، خەۋپسىزلىك كاپالىتى قانۇنىنى بىكار ...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
04-05-2016
     رۇسىيە گېزىت خەۋەرلىرى تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىسىترى سېرگى لاۋروف مۇنداق دېگەن: رۇسىيە تۈركىيەنىڭ سۇرىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ...
04-05-2016
كورىيە زۇڭتۇڭى پاك گۆنھيې 5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىران پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ ئىراندىكى تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ ئىران-كورىيە ئىككى دۆلەت 1962-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان كورىيە زۇڭتۇڭىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىراند...
04-05-2016
    رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 2-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل 2015-يىل ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شېنزوغا ياپونىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىش...
03-05-2016
    5-ئاينىڭ 2-كۈنى سەھەردە، لەنجۇ-خەيكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ گۇاڭشى بېيخەيدىكى بۆلىكىدە، لىققىدە ئاناناس بېسىلغان يۈك ماشىنىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، نەتىجىدە ماشىنىدىكى ئاناناسلار يۇقىرى سۈ...
Powered by Leglek