سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا نۇرغۇنلىغان ناتسىست ئىشپىيونلىرىنى ئىشقا سېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغان

ئامېرىكا مەخپىي ھۆججىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزى ئاخپارات ئىدارىسى (CIA) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، زور بىر تۈركۈم گېرمانىيە ناتسىست پارتىيىسى ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ئىشپىيون ۋە ئىچكى ئاخپارات خادىمى سۈپىتىدە ئىشقا سېلىپ، بۇ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «تەھدىتى»گە قارشى تۇرغان.
بۇ ھۆججەتلەرنى تەتقىق قىلغۇچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاز بولغاندىمۇ 1000 نەپەر ناتسىست پارتىيىسى ئەزالىرىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر بۆلۈكى يەنە تېخى ئىلگىرى ناتسىست پارتىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىكەن.


بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە ئاشكارىلىنىشچە، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى نەچچە ئونلىغان، گۇمانلىق دەپ قارالغان ناتسىست پارتىيىسىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ھەتتا يەھۇدىيلارنى يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ قوغدىغۇچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەرگە نەچچە مىليون دوللار جەمئىيەت پاراۋانلىق پۇلى بەرگەن.
بۇ ئاخپاراتتا كۆرسىتىلىشچە، ۋاشىنگتون قانۇننىڭ يوچۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ بۇ پۇللارنى ئۇلارغا بەرگەن بولۇپ ،بىر قىسىم كىشىلەر ھەتتا ھازىرمۇ بۇ پاراۋانلىق پۇلىدىن بەھرلىنىۋاتقان ئىكەن.


مەركىزى ئاخپارات ئىدارىسى ئالدىنقى ناتسىست پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى جاسۇس ئورنىدا ئىشلىتىشى ئاساسلىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى خەتەرلىك ۋەزىيەت ئاستىدا يۈز بەرگەن، لېكىن ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشچە، ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددىتى 37 يىل بولغان مەركىزى ئاخپارات ئىدارىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقى يوھان ناتسىستلارنىڭ قوبۇل قىلىشنى تەستىقلاپلا قالماستىن يەنە ناتسىستلارنىڭ زاۋاللىقى توغرىسىدىكى تەسىۋىرلەشلىرىنى «سوۋېت ئىتتىپاقى ئېلىپ بارغان ئىدولوگىيە تەشۋىقاتى» دەپ ئاتىغان.


قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىلگەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە يەنە ئىلگىرى يەھۇدىيلارغا تەھدىت سېلىش توغرىسىدىكى سىياسىي ھۆججەتنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان ناتسىست پارتىيىسى ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مەسلىھەتچىسى بورشىۋىننىمۇ بار بولۇپ، مەركىزى ئاخپارات ئىدارىسى 1950-يىلى ئۇنىڭ نيۇيوركقا بېرىپ ئولتۇراقلىشىشىغا ياردەم قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ساداقەتمەنلىكىنى مۇكاپاتلىغان.


ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، نەچچە ئون مىڭلىغان يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خەۋپسىزلىك ساقچى ئەترىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسى لىلېيسىجمۇ مەركىزى ئاخپارات ئىدارىسى تەرىپىدىن شەرقى گېرمانىيەدە جاسۇسلۇق قىلىشقا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇ كىيىن بوستونغا ئولتۇراقلىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان .
بىر قىسىم پاكىتلاردا كۆرسىتىلىشىچە مەركىزى ئاخپارات ئىدارىسى ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ لىلېيسىجنى ئۇرۇش جىنايەتچىسى قاتارىدا تەكشۈرۈشىگە توسالغۇلۇق قىلغان.


ئامېرىكا ئاگېنتلىقى بىر ھەپتە بۇرۇن ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش ئاخباراتى بۇ يېڭىدىن بايقالغان خەۋەر بىلەن ئالاقىسى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، ئامېرىكا ئەينى ۋاقىتتا چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان 66 نەپەر گۇمانلىق بولغان ناتسىست ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئىچىدە، ئاز دېگەندىمۇ 38 نەپىرى يەنىلا ئامېرىكىلىق باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پاراۋانلىق پۇلىغا ئېرىشكەن.


ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كار بىر پارچە باياناتىدا مۇنداق دېگەن: ئامېرىكا دۆلەت پارلامېنتى 1979-يىلى تېزلىكتە چېگرا ئىچىدىكى ناتسىست جىنايەتچىلىرىنى ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى شىكايەت قىلالايدىغان دۆلەتلەرگە قوغلاپ چىقىرىش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى قانۇنىغا ئاساسەن، ھەرقانداق كىشى ئامېرىكا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسە، ئۇلارنىڭ بارلىق بەھرلىنىۋاتقان پېنسىيەگە چىقىش پاراۋانلىق پۇلى توختىتىلىدۇ.


لېكىن بىر كىشى ئامېرىكا دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچسە، ھەمدە ئۆزلىگىدىن ئامېرىكىدىن ئايرىلسا، ئۇلار بەلكىم داۋاملىق جەمئىيەت پاراۋانلىق پۇلىدىن بەھرلىنەلىشى مۇمكىن ئىكەن.



خەتكۈچلەر:
30-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek