BBC تورى خەۋىرى ؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە غەربلىك تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغان تەشكىلات غازاتچىسى جوننىڭ كىملىكى ئاشكارىلاندى. BBC ئاگېنتلىقى ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، غازاتچى جون دەپ تۇنۇلغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى قوراللىقى، لوندوندا ياشايدىغان كۇۋەيت ئەسىللىك ئەنگىلىيە پۇقراسى مۇھەممەد ئەمۋازى ئىكەن.
ئەمۋازىنىڭ بىر مەزگىلدىن بۇيان ئەنگىلىيە بخەتەرلىك دائىرلىرى تىزىملىكىدە بولغانلىقى ئېنىقلاندى، ئەمما ئۇنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئىدى.
ئەمۋازى 2006-يىلى سومالىغا بارغان بولۇپ ، سومالى تەشكىلاتى «ئەش-شاباب» بىلەن مۇناسىۋىتى بار دېيىلىپ ئۇنىڭغا ئەنگىلىيەنىڭ تېرورغا قارشى ئەترىتى تەرىپىدىن كۆزىتىش قارارى چىقىرىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئەمۋازى تۇنجى قېتىم ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئىنتىرنىتتا تارقىتىلغان بىر سىن كۆرۈنىشىدە ئامېرىكىلىق مۇخبىر جامېس فولوينى ئۆلتۈرگەن ۋاقىتتا نىقابلىق ھالەتتە كۆرۈنگەن ئىدى.
ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى غازاتچىسى بولغان جون ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىلىق مۇخبىر سىتىۋېن سوتلوف، ئەنگىلىيە ياردەم ئەترىتى خادىمى داۋىد ھەينىس، ئەنگىلىيەلىك تاكسى شوپۇرى ئالان ھىننىڭ ۋە «پەتەر» دەپ تۇنۇلغان ئامېرىكىلىق ياردەم ئەترىتى خادىمى ئابدۇررەھمان كاسسىگ قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلغان ۋاقىتتا ھەم سىن كۆرۈنىشىدە كۆرۈنگەن.
ياپونىيەلىك تۇتقۇنلاردىن ھارۇنا يۇۋاكا ۋە كەنجى گوتونىڭ ئالدىنقى ئايدا ئۆلتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن تارقىتىلغان سىن كۆرۈنىشىدە ھەم ئەمۋازى بار ئىدى.
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىغا يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلاردا، ئەمۋازىنىڭ ۋېستمىنستېر ئۇنىۋېرستىتىدا كومپىيۇتېر پروگراممىرلىقىدا تەربىيلەنگەنلىكى ئېنىقلاندى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ئەمۋازى سۇرىيەگە 2012-يىلى بارغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved