ئۈرۈمچىدە قانچە خىل قۇش بار؟ ئۇلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى قانداق ؟ يېقىندا ئۈرۈمچى باغ-ئورمان ئىدارىسى نەشرىياتىنىڭ « ئۈرۈمچىدىكى قۇش تۈرلىرى ھەققىدە قىزىق پاراڭ » دېگەن كىتابتا تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدىكى قۇش تۈرلىرىنىڭ مەنبەسى ۋە تارقىلىش ئەھۋالى تىلغا ئېلىندى. بۇ كىتابتىكى ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە نۆۋەتتە 280 خىلدىن ئارتۇق قۇش تۈرى بار بولۇپ، شىنجاڭدىكى قۇش تۈرلىرى مەنبەسىنىڭ %58 تىنى ئىگىلەيدىكەن، ئۇلار ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى سۇلۇ يەرلەر، كۆل، ئورمان، باغچا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. بۇ قۇش تۈرلىرى ئىچىدە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قوغدايدىغان تۈردىن 64 خىلى بار بولۇپ، % 23 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرىدىن يەتتە خىلى بار بولۇپ، ئۇلار قارا لەيلەك، ئالا قۇيرۇق بۈركۈت، ئاق قۇيرۇق دېڭىز بۈركۈتى، شۇڭقار، ساقاللىق بۈركۈت، دوغداق، چوڭ دوغداق؛ دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرىدىن 42 خىل بار ئىكەن.
« ئۈرۈمچىدىكى قۇش تۈرلىرى ھەققىدە قىزىق پاراڭ »نىڭ باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما مىڭ ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى جاڭ شۈماۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ كىتاب شىنجاڭدىكى قۇش تۈرلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان دالىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق توپلىغان ماتېرىيالى بىلەن شىنجاڭ قۇش تاماشا قىلىش جەمئىيىتىدىكى قۇش ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ماتېرىيالىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى ياۋا قۇشلارنىڭ تۈرلىرى ۋە تارقىلىشى، ياۋا قۇشلارنىڭ كۆچۈشىدىكى سىر، ياۋا قۇشلارنىڭ ھاياتلىق يولى ۋە ياۋا قۇشلار دۇچ كېلىدىغان ھاياتلىق مۇھىتى قاتارلىق مەزمۇنلار يەتتە بابقا بۆلۈپ چۈشەندۈرۈلگەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved