ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشېنكو تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: 2-نويابىر «دونىسسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» بىلەن «لۇگانسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى» كونتروللىقىدىكى رايوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ساختا سايلام دونباس رايونىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىغا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.
پوروشېنكو مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۇ سايلام 5-سېنتەبىر ئىمزالانغان مىنىسكى توختامنامىسىنىڭ مەزمۇنى ۋە روھىغا پۈتۈنلەي خىلاپ. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى يەرلىك سايلام ئۇكرائىنا قانۇنى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پېيلىبىنىس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەرقتىكى ئەلئارا قوراللىقلار كونتروللىقىدىكى رايونلارنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved